باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
موڭغۇلكۈرەدە 12مىڭ ئائىلە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى
2008- 07- 08 10:38 شىنجاڭ گېزىتى

   موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتقانلىقتىن، ئۈچ يىلدا 12 مىڭ ئائىلە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.

   2003 – يىلى 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدە 6.1 بال يەر تەۋرەپ، بۇ ناھىيىنىڭ شوتا قىرغىز يېزىسى، خۇسۇمتۇ خارسۇن موڭغۇل يېزىسى، يېزا ئىگىلىك 4 – شىسىنىڭ 76 – تۇەن – مەيدانىدانى قاتارلىق جايلاردىكى خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكى  ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى. ئاپەتتىن كېيىن، ناھىيىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يەرنى تېجەپ ئىشلىتىش، ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك، خەلق تۇرمۇشىغا قولايلىق بولۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى ئېغىر بولغان يېزا – مەيدانلاردىكى خەلقنى يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇشقا يېتەكلىدى. ناھىيە بۇ قۇرۇلۇشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى بىلەن 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى. بۇنىڭ بىلەن، ھازىرغىچە 12 مىڭ 140 ئائىلە ئازادە، يورۇق، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.   

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ