باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
شىنجاڭنىڭ ئالتاي تېغىدىكى نەم يەرلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم بېرىش تۈرىگە كىردى
2008- 07- 08 10:18 تەڭرىتاغ تورى

      جۇڭگو–ياۋروپا ئىتتىپاقى جانلىقلار كۆپ خىللىقلىق تۈرى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭنىڭ مۇھىم سۇ مەنبەسى زاپاس رايونى بولغان ئالتاي تېغىدىكى نەم يەرلەر ئۈستىدە ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى . بۇ ئالتاي تېغىدىكى نەم يەرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ۋە جانلىقلار كۆپ خىللىقلىق خىزمىتىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن شۇنداقلا بۇ يەرلەرنىڭ شىنجاڭدىكى تۇنجى قوغدىلىدىغان نەم يەرلەر ھەمكارلىق تۈرىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ .

      شىنجاڭ ئالتاي تېغىدىكى نەم يەرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ۋە جانلىقلار كۆپ خىللىقلىق ھەمكارلىق تۈرى 2007–يىلى ئاۋغۇستتىن باشلانغان . تونۇشتۇرۇلىشىچە ، شىنجاڭ ئالتاي تېغى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورمان نازارەتچىلىك ئىدارىسى ئالتاي تېغى نەم يەرلىرىنىڭ ماتىرىياللىرىنى يىغىپ ، ‹‹ئالتاي تېغىدىكى نەم يەرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ۋە جانلىقلار كۆپ خىللىقلىقىنى قوغداش ۋە داۋاملىق پايدىلىنىش ئىسىتراتىگىيىسى››نى شەكىللەندۈرۈپ ، بۇ تۈرنىڭ ئورۇنلىنىشىغا پۇختا ئاساس سالدى .

     ئالتاي تېغى شىنجاڭنىڭ مۇھىم سۇ مەنبەسى زاپاس رايونى شۇنداقلا شىنجاڭ تاغلىق رايونلىرىنىڭ يېپىنچا ئورمان ، كۆپ خىل جانلىقلار ، نەم يەر مەنبەسى توپلاشقان رايون بولۇپ ناھايىتى ئۆزگىچە بولغان جانلىقلار تۈرى توپىغا ، پەقەت جۇڭگودىلا بار بولغان ئاز ئۇچرايدىغان تۈرلەرگە ئىگە . ئالتاي تاغلىرىدىكى نەم يەرلەرنىڭ كۆلىمى ئالتاي تېغى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %12.3 ىنى ئىگىلەيدۇ .

     ئىگىلىنىشىچە ، جۇڭگو–ياۋروپا ئىتتىپاقى جانلىقلار كۆپ خىللىقلىق تۈرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بولۇپ ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات ، پىلان مەھكىمىسى ۋە دۆلەت مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئىجرا قىلىنىدىكەن . بۇ تۈردە ئاساسلىقى سۇ چىقىرىش ، ئوتلاقتا نورمىدىن ئارتۇق مال بېقىش ، كان ئېچىش ھەمدە ئۇل مۇئەسسەسسەلەر قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نەم يەرلەرنىڭ ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسى ئۆزگىرىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدىكەن .         

 

 

 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ