باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ كەسپىي مائارىپى ‹‹پەن مائارىپ ئارقىلىق ناھىينى گۈللەندۈرۈش ›› تە تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا
2008- 07- 08 10:09 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سابىرجان سىيىت خەۋىرى: يېڭىشەھەر ناھىيسى كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىدا مەۋقەنى دېھقان پەرزەنتلىرىنى پەن ۋە ھۈنەر–كەسىپتە يېتىشىپ چىققان ساپالىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيىلەشكە ۋە ئۇلارغا چىقىش يولى تېپىپ بېرىش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە قارىتىپ ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى .

      بۇ ناھىيە ‹‹ پەن–مائارىپ ئارقىلىق ناھىينى گۈللەندۈرۈش›› ئىستىراتېگىيسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان ، ھەر قايسى يېزا–بازارلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى ، چارۋىچىلىق ، بوغالتىرلىق ، مال دوختۇرلۇق ، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىدىن خەۋەردار ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئاشتى . بۇ خىل ئەھۋالغا ئاساسەن ، بۇ ناھىيە ناھىيلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاساس قىلغان ھالدا يېزا ئىگىلىكى ، چارۋىچىلىق ، مال دوختۇرلۇق ، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق 12 كەسىپ بويىچە تەربىيىلەشنى يولغا قويۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق يېتىلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەردى . بۇنىڭ بىلەن ، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆز يېزىلىرىنىڭ پەن–تېخنىكا تايانچىلىرىغا ئايلىنىپ ، ناھىيە ئوتتۇرىغا قويغان‹‹ بىر يېزىدا بىر كەسىپ ، بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات ، بىر ئائىلىدە بىر ھۈنەر بولۇش ›› كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدى .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ