|
6 – ئاينىڭ 18 – كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى قەشقەرگە يەتكۈزۈلگەن مىنۇتلاردا، بىر قىز ‹‹قەشقەر گېزىتى›› ئىدارىسىگە كىرىپ، مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ئو ت م گە ئاتاپ ئىشلىگەن كەشتە ۋە گىلەملىرىنى كۆرسەتتى.
ئاتۇش شەھەرلىك 4 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى نۇرجامال توختىمەمەت(قىرغىز) ئۆزىنىڭ ئو ت م گە بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، بۇ يىل ئو ت م بەلگىسى، قۇد بەلگىسى، مېيىپلەر ئو ت م نىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن يەتتە كەشتە بۇيۇمى ھەم كەڭلىكى بىر مېتىر 30 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر كېلىدىغان، ماۋزېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇجىنتاۋ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ باش سۈرىتى، دۆلەت بايرىقى، تيەنئەنمىن مەيدانى، بېيجىڭ خەلق سارىيى ۋە ‹‹ئورتاق بىر دۇنيا، ئورتاق بىر ئارزۇ›› ، ‹‹2008 – يىل 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى›› دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن بىر پارچە ئاسما گىلەم كەشتىلەپ چىقتى.
ئىلگىرى نۇرجامال توختىمەمەت ئىشلىگەن 4000 پارچىدىن ئارتۇق كەشتە بۇيۇمى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن، 30 نەچچە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلغان. ئۇ ھازىر 400 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى كەشتىچىلىك ھۈنىرى بىلەن تەربىيىلىمەكتە.
ھازىرغىچە نۇرجامال توختىمەمەت ئىشلىگەن ‹‹ماناس›› داستانىدىكى باش قەھرىماننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئاسما گىلەم مەملىكەت بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئەسەر›› بولۇپ باھالاندى؛ ئۇنىڭ ‹‹قىرغىزلارنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى››، ‹‹ئايچۈرۈك بىلەن سەمەتەي›› (ماناسنىڭ ئوغلى ۋە كېلىنىنىڭ ئوبراز سۈرىتى) چۈشۈرۈلگەن ئاسما گىلەم ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئەسەر›› مۇكاپاتىغا، ‹‹ماناس››، ‹‹قىرغىزلارنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى››، ‹‹ئايچۈرۈك بىلەن سەمەتەي›› قاتارلىق ئۈچ ئەسىرى قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە ئاتۇش شەھىرى بويىچە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2005 – يىلى ئۇ 200 پارچىگە يېقىن قول ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇمىنى قىرغىزىستان دۆلەتلىك تارىخ كۆرگەزمىخانىسىدا كۆرگەزمە قىلىپ، ياخشى باھاغا ئېرىشتى.
|