|
پىچان ناھىيىسىدىكى مائارىپ تارماقلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ 3725 پەرزەنتىنى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلدى.
ئىلگىرى ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىشقا ئائىت بەلگىلىمىلەر مۇكەممەل بولماسلىق، ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش رەسمىيەتلىرى تولۇق بولماسلىق سەۋەبىدىن، ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشى قىيىن بولۇپ كەلگەن ئىدى.بۇ يىل ناھىيىلىك پارتكوم ۋە مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئېتىبار بېرىش، كۆچمەن ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتە ئۆتەيدىغان رەسمىيەتلەرنى ئېنىق بېكىتىپ، قەيەرگە يېقىن بولسا، شۇ يەردىكى مەكتەپ قوبۇل قىلىش پرىنسىپى بويىچە ئوقۇش رايونىنى ئېنىق ئايرىپ، ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بەردى. مەكتەپلەرمۇ مەخسۇس خادىم ئاجرىتىپ، ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنى كۈتۈۋېلىش، تىزىملاش، ئىمتىھان ئېلىش، سىنىپلارغا ئايرىش خىزمىتىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى. يېڭىدىن ئوقۇشقا كىرگەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىردىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ياكى بىر يەرلىك ئوقۇغۇچىنى ھەمراھلىققا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭى مۇھىتقا تېزرەك ماسلىشىۋېلىشىغا ياردەم قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى خاتىرجەم ئوقۇيدىغان، ئاتا – ئانىلىرى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان بولدى.
|