|

يېڭى پەن – تېخنىكا سارىيى
پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمىخانىسى ، ئىلىم – پەن ئالماشتۇرۇش ۋە پەن – تېخنىكىلىق تەربىيىلەش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن زامانىۋى پەن – تېخنىكا سورۇنى— شىنجاڭ پەن تېخنىكا يېڭى سارىيى 29 – ئىيۇل رەسمىي ئېچىلىدىكەن . پەن – تېخنىكا سارىيى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن ، ئوقۇغۇچىلار يېڭى – پەن تېخنىكا سارىيىنى ھەقسىز ئېكىسكۇرسىيە قىلالايدىكەن .
شىنجاڭ پەن –تېخنىكا كونا سارىيى 1985 – يىلى 10 – ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ، ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 13 مىڭ 634.7 كۋادرات مېتىر ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 10مىڭ 119.5 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ، پەن تېخنىكىنىڭ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە ، شىنجاڭ پەن – تېخنىكا كونا سارىي كەڭ شەھەر ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى نەتىجىسىدە . شىنجاڭ پەن – تېخنىكا يېڭى سارىيىدا 2005 – يىلى 4 – ئايدا رەسمىي قايتا قۇرۇلۇش خىزمىتى باشلانغان .

يېڭى پەن – تېخنىكا سارىيىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى
شىنجاڭ پەن – تېخنىكا يېڭى سارىيى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 102 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ ، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 26 مىڭ 601.7 كۋادرات مېتىر ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆرگەزمە زالىنىڭ قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 11 مىڭ 116.7 كۋادرات مېتىر ؛ يىغىن ، تەربىيلەش رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 8609 كوۋادرات مېتىر .
شىنجاڭ پەن – تېخنىكا يېڭى سارىيىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ ، ماددىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

يېڭى پەن – تېخنىكا سارىيىنىڭ كۆرگەزمە زالى
|