باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ 2008 - يىللىق ‹‹ تەنتەربىيە لاتارىيىسى لوڭقىسى›› تالىشىش تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى
2008- 07- 07 17:43 تەڭرىتاغ تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ، قەمەردىللا دولقۇن خەۋىرى، فوتوسى : بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ 2008- يىللىق ‹‹ تەنتەربىيە لاتارىيىسى لوڭقىسى›› تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلى ھەيئەت كومىتېتى تەشكىللىگەن ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت– تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹ تەنتەربىيە لاتارىيىسى لوڭقىسى››نى تالىشىش تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 7- ئاينىڭ 7- كۈنى قەشقەر تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى. مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، رادىئو-تېلېۋېزىيە ئىدارىسى، تەنتەربىيە مەكتىپى ، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋە ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر) لەردىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەردىن بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.   
       ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قەشقەر شەھىرى ، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى ، يېڭىشەھەر ناھىيىسى، يېڭىسار ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، قەشقەر 2-ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق 12 ناھىيە (شەھەر) ۋە بىرقىسىم ئورۇنلاردىن كەلگەن يەتتە ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان تەنھەرىكەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن 15 كوماندا ، 800 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ ، ئۇلار بوكس ، خەلىقئاراچە چېلىشىش، قىزلار ئەركىن شەكىلدە چېلىشىش، ۋاسكىتبول ، ۋالىبول ، تىك-تاك توپ قاتارلىق ئالتە تۈر بويىچە مۇسابىقىلىشىدىكەن . مۇسابىقە تۆت كۈن داۋاملىشىدىكەن.     

سۈرەتتە: بوكس مۇسابىقىسىدىن بىر كۆرنۈش


 سۈرەتتە: چېلىشىش مۇسابىقىسىدىن بىر كۆرنۈش


 سۈرەتتە: تىك-تاك توپ مۇسابىقىسىدىن بىر كۆرنۈش

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ