باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئۆمەرجان ھىمىت ئاپەت رايونىدىكى خەلققە1مىليون500مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى
2008- 07- 07 16:59 شىنجاڭ گېزىتى

   سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن  ناھىيىسىدە 8 بال يەر تەۋرەپ پۈتۈن جۇڭگو خەلقى  بەس – بەستە ئاپەت رايونىدىكى خەلققە ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقان پەيتتە، ‹‹جۇڭگودىكى خاسىيەتلىك ئادەم››دەپ نام ئالغان ئۆمەرجان ھىمىت  20 – ماي ۋە  26 – ماي ئىككى قېتىم سىچۇەن ئۆلكىسىگە بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە  1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى.

   ئۆمەرجان ھىمىت يەتتە يېشىدىن باشلاپ ئۆزىدە ئالاھىدە  ئىقتىدار بارلىقىنى سەزگەن، دوستلىرى بىلەن تاشلارنى ئوينىغىنىدا تاشلار ئۇنىڭ قولىدا  پارچە – پارچە بولۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئانچە كۈچىمەيلا تاشلارنى نان ئۇشتىغاندەك پارچىلاپ تاشلايدىغان  سېھرىي كارامىتى  ئاتا – ئانىسىنى ۋە يۇرتداشلىرىنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇنىڭ بۇ  كارامىتى يېشىنىڭ چوڭىيىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەن ۋە ئۇنىڭ نامىنى دۆلىتىمىز ئىچى – سىرتىغا تونۇتقان. 2006 – يىل 8 – ئاينىڭ 17 – كۈنى دۆلەت پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىكى ئۇنىڭغا ‹‹جۇڭگودىكى خاسىيەتلىك ئادەم›› دەم نام بەرگەن ۋە ئۇنىڭ نامىنى‹‹دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەر›› قامۇسىغا كىرگۈزگەن.  2008 – يىل 1 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ۋە 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى  ئارقا – ئارقىدىن تاش چېقىش ماھارىتى  بويىچە  ‹‹جىننېس دۇنيا رېكورتى›› نى ياراتتى.

   ئۆمەرجان ھىمىت ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، كورلا، ئاقسۇ، سانجى قاتارلىق جايلاردىكى قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا تەخمىنەن 3 مىليون 200 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ياردەم قىلغان. بۇ قېتىم ئاپەت ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن،  نەق مەيدانغا ئىككى قېتىم بېرىپ، شۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كەلگەن.

   ئۆمەرجان ھىمىت ماڭا مۇنداق دېدى: ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ ئەھۋالى بىز ئويلىغاندىكىدىنمۇ  ئېغىر ئىكەن، ئەمما ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ تولىمۇ قەيسەر، غەيرەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، مەن  قولۇمدىن كېلىشىچىلا ياردەم قىلالىدىم. 10 – ئىيۇن مەن تۇغۇلغان كۈنۈم مۇناسىۋىتى بىلەن  يېقىن دوست – بۇرادەرلىرىمنى چاقىرىپ، بىر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈن مەرىكىسى ئۆتكۈزدۈم،   ئۇلارنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى يەنە  ئاپەت رايونىدىكى خەلققە ئىئانە قىلىشنى ئويلاشتىم.   مەن  قىيىنچىلىقى بارلارغا ئىزچىل ياردەم بېرىپ كەلدىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ياردەم بېرىمەن. چۈنكى، بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، بۇ ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىزنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىمىز.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ