|

بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە پۇقرالار ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ يولۇچى توشۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىئاتسىيىسى ئىدارىسى 20–ئىيۇلدىن تارتىپ ، دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم ئايروپورتلاردا ئالاھىدە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىجرا قىلىش قارارىنى چىقاردى .
جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىئاتسىيىسى ئىدارىسى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ ئىدارە بېيجىڭ پايتەخت ئايروپورتى ، شاڭخەي پۇدوڭ ، شاڭخەي خوڭچياۋ ئايروپورتى ، چىڭداۋ ، تيەنجىن ، شېنياڭ ، چىنخۇاڭداۋ ، شىجياجۇاڭ ، تەييۈەن ، جىنەن ، خاڭجۇ ، نەنجىڭ ، خېفىي ، چاڭچۈن ، خاربىن ، خوخخوت ، داليەن ئايروپورتلىرى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى ئايروپورتلار ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدىكى ئايروپورتلاردا ئالاھىدە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى .
بۇ مەسئۇل خادىم تەكىتلەپ مۇنداق دېدى :‹‹يۇقىرىدىكى ئايروپورتلارغا كىرىدىغان خادىملار كىرىش ئېغىزىدا ئاڭلىق ھالدا تەكشۈرۈش قوبۇل قىلىشى كېرەك ؛ قانۇنسىز ھالدا ئاسان پارتلايدىغان ، ئاسان يانىدىغان بويۇملارنى ئېلىپ كىرگەن يولۇچىلار ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن–تۈزۈملىرىگە ئاساسلىنىپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئايروپىلانغا كېچىكىش قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يولۇچىلار ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ››.
بۇ مەسئۇل خادىم يەنە ئايروپىلانغا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلارغا ئايروپورتقا ئامال بار بالدۇر بېرىپ ، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش ، ئۆزى تىزىملاتقان ئايروپىلانغا كېچىكىپ قالماسلىق توغرىسىدا ئەسكەرتىش بەردى .
\
|