باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلىدۇ
2008- 07- 07 15:00 تەڭرىتاغ تورى

       مۇخبىرنىڭ 6 – ئىيۇل قەشقەردە ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹قوش تىل›› مائارىپى نەق مەيدان يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە ، دۆلەت بۇ يىلدىن باشلاپ ، ‹‹شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹قوش تىل› بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشى›› نى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان بولۇپ ، بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، 2 مىليارد 950 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەتتە ۋىلايەت ، ئوبلاست ۋە توققۇز ناھىيە ، شەھەردە ‹‹قوش تىل›› بالىلار باغچىسىنى يېڭىدىن سېلىپ ۋە ئەسلىدىكى ئاساسىدا كېڭەيتىپ قۇرۇپ ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى ، مائارىپ قوشۇمچە ئۈسكۈنىلىرى ۋە پائالىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ،‹‹قوش تىل›› تەييارلىق سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىكەن .

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە خىزمەت مېخانىزىمىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، مائارىپ سېلىنمىسىنى يىلمۇ – يىل ئاشۇرۇپ ، ئۈچ يىلدا 200 مىليون 60 مىڭ يۈەن خىراجەت ئاجرىتىپ ، 330 مىڭ 300 ئادەم (قېتىم) ئاز سانلىق مىللەت تەييارلىق سىنىپىدىكى بالىلارنى مەنپەئەتكە ئىگە قىلدى . 2007 – يىلىغىچە ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تەييارلىق سىنىپ ، باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى تېخنىكوملاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى جەمئىي 2 مىليون 378 مىڭ بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە‹‹ قوش تىل›› مائارىپى بويىچە تەربىيلەنگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ‹‹خەنزۇچە ئوقۇغان›› مىللىي ئوقۇغۇچىلار 640 مىڭ 950 نەپەر . 

      ئىگىلىنىشچە ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىنىڭ 1 – تۈركۈمىدىكى 200 مىليون يۈەن مەبلىغى يېقىندا ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى ‹‹قوش تىل›› بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىشكە چۈشۈرۈپ بېرىلگەن .   

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ