باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى سەل سەگىيدۇ ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىمەيدۇ
2008- 07- 07 14:06 تەڭرىتاغ تورى

      4–ئىيۇلدىن تارتىپ 6–ئىيۇلغىچە ، شىنجاڭدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى كەڭ كۆلەملىك ئۆرلىدى . بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر يېغىپ ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ . جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يەنىلا يۇقىرى ھالەتتە تۇرىدۇ .

      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، شىنجاڭ 4–ئىيۇندىن باشلاپ ئىللىق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە تېمپېراتۇرا تېز ئۆرلىگەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم جايلاردا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 40 سېلتسىيە گىرادۇسقا يېتىپ ، نورمالسىز ھاۋا رايى ھالىتى كۆرۈلگەن . بولۇپمۇ 5–ئىيۇلدىن بۇيان ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 32 سېلىتسىيە گىرادۇستىن 36سېلتسىيە گىرادۇسقىچە بولغان بولسا ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئالاھىدە يۇقىرىلاپ ، بىر قىسىم رايونلاردا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 37 سېلىتسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان . مەسىلەن ، خوتەن رايونىدا 39.2 سېلىتسىيە گىرادۇس بولغان .

      مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا 3 سېلىتسىيە گىرادۇستىن 5 سېلىتسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرى بولغان .

     بۈگۈن سەھەر سائەت 8 دىن كېچىگىچە ، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى ، قۇمۇل ، ئاقسۇ ، بۆرتالا ۋە تۇرپان ، پىچان ، توقسۇن ئويمانلىقى قاتارلىق رايونلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن . 

    جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا يەنىلا يۇقىرى ھالەتتە تۇرىدىكەن .             

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ