|
مۇشۇ ئاينىڭ 5–كۈنى چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىكلەر پوتبول مۇسابىقىسىنىڭ 8–ئايلانما مۇسابىقىسى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. 90 مىنۇتلۇق ئېلىشىش ئارقىلىق شىنجاڭ كوماندىسى 0قارشى 3نەتىجە بىلەن شەنشى سىدا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئومۇمىي نەتىجىدە 5–ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.
مۇسابىقە جەريانىدا شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ماسلىشىشى ۋە قارشى تەرەپ ئەزالىرىنى مۇداپىئە قىلىشى تازا ياخشى بولمىدى. شۇنداقلا باش تېرنىرنىڭ ئادەم ئالماشتۇرىشىمۇ نەتىجىلىك بولمىدى. لىكىن تاماشىبنلار ئىزچىل كوماندا ئەزالىرىغا مەدەت بېرىپ تۇردى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە شەنشى سىدا كوماندىسى 7مىنوت ۋە 20مىنوت بولغاندا بىردىن توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 0دە 2گە ئۆزگەرتتى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا شىنجاڭ كومانسىسى خېلى كۈچلۈك ھۆجۇملارنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ، نەتىجىنى يەنىلا ئۆزگەرتەلمىدى. ئەكسىچە كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، 37 مىنوت ئۆتكەندە، شەنشى سىدا كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ شىنجاڭ كوماندىسى يەڭدى.بۇ شىنجاڭ پوتبول كوماندىسىنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۆز مەيدانىدا ئەڭ روشەن پەرق بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
|