باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
2008– يىللىق شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
2008- 07- 07 11:10 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     2008– يىللىق شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا جەمئىي 5 مىڭ 205 يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى.

      بۇ يىلقى رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، چەت، يېراق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىلدى. دېھقان، چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى 90 پىرسەنتكە يېتىپ، 2007 - يىلىدىكىدىن 3 پوئېنت ئاشتى؛ نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرگە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىلدى، تاجىك، ئۆزبېك، رۇس، تاتار مىللەتلىرىدىن 42 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، ئەسلىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكىدىن 68 پىرسەنت ئاشۇرۇلدى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىدىن قوبۇل قىلىنغان تاجىك ئوقۇغۇچىلار بۇلتۇرقىدىن 8 ئوقۇغۇچى كۆپ بولدى.

    7–ئاينڭ 5–كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكى جەمئىيەتكە 5 كۈن ئاشكارىلىنىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرلىرى تورى، شىنجاڭ سىنىپى تورى پونكىتىغا چىقىپ ياكى 16885123 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ، قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلالايدۇ.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ