|
6–ئىيۇل يازلىق يولۇچى توشۇشنىڭ 6–كۈنى . تۆمۈر يول ترانسپورتى تېخى بىلەت سېتىۋېلىش ۋە يول يۈرۈشنىڭ يۇقىرى مەزگىلىگە كىرمىدى . ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈر يول ئىدارىسى يەنە يازلىق يولۇچى توشۇش سەپەر جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى پاش قىلىدىغان ئەرز تېلېفونىدىن 17 نى تەسىس قىلىپتۇ . بۇ مەزگىلدە يولۇچىلار تۆمۈر يول خىزمىتىگە قارىتا قانداق پىكىر ، تەلەپلىرى بولسا تېلېفون ئۇرسا بولىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى پويىزدا ئولتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈر يول ئىدارىسى 2–ئىيۇل ، 12–ئىيۇل ، 15–ئىيۇل ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە قاتنايدىغان ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزى ، 3–ئىيۇل . 13–ئىيۇل ، 16–ئىيۇل قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزى قوشقان . ئېھتىياجلىق يولۇچىلار 10 كۈن بۇرۇن بېلەت سېتىۋالسا بولىدىكەن .
|