باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا خەۋەرلەر
2008- 07- 07 10:58 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     .ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇتيەن كاڭفۇ 6 – ئىيۇل خوككايدو ئارىلىدىكى تويا-كودا، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

     ·روسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىكىنىڭ ۋولگا دەريا ياقىسى ۋە ئۇرال رايونى مەركىزى 6 – ئىيۇل خەۋەر ئېلان قىلىپ، سامالا ئوبلاستىكى بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىدا مۇشۇ ئاينىڭ 5–كۈنى كېچە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 7 ئادەم قازا قىلىپ، 7 ئادەم يارىلانغان.

     ·ئامېرىكا ‹‹خەلقئارا ئاۋانگارتلار مۇنبىرى گېزىتى››دە يېقىندا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى:‹‹ تۇرالغا ئۆي بازىرى قالايمىقان بولغانلىقتىن، پۇل پاخاللىقى كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. بىر قىسىم ئالامەتلەر ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشكە قەدەم قويىدىغانلىقىنى ياكى قويغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئامېرىكىغا ئوخشاش ئەنگلىيە ئىقتىسادىمۇ قىيىنچىلىق باسقۇچىدا تۇرماقتا ›› .

     ·ياپونىيە ‹‹ئىقتىساد خەۋەرلەر›› گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇل مۇئامىلە بازىرى تۇراقسىز بولغانلىقتىن دۇنيادا پاي چېكىنىڭ قىممىتى ئومۇميۈزلۈك چۈشكەن. ياپونىيىلىك مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرى پايدىسى مۇقىم، خېيىمخەتىرى كىچىك بولغان چەتئەل زايومىغا كۆز تىككەن.

     ·قازاقىستان ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ 6 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيە زۇڭتۇڭى مىدۋېدېۋ مۇشۇ ئاينىڭ 5–كۈنى گروزىيە زۇڭتۇڭى ساكاشۋېلىنىڭ رايون جىددىي ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقىنى ئەسكەرتكەن.

     ·مالايسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رېس يادىم 6 – ئىيۇل كۇئالالۇمپۇردا، تەرەققىي قىلىۋاتقان 8 دۆلەت گۇرۇھى كەلگۈسىدىكى خىرىسنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن نۆۋەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆزگىرىشكە جىددىي ئېھتىياجلىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

     ·مالايسىيىدىكى ئۆكتىچىلەر پارتىيىسى تەشكىللىگەن‹‹مىليون ئاممىنىڭ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش›› چوڭ يىغىلىشى 6 – ئىيۇل ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىر خەۋەر بەرگىچە يىغىلىش ئىناق كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ