باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەتىگەنلىك ، كەچلىك بازارلارنىڭ تىجارەت باشقۇرغۇچىلىرى تەربىيىلەندى
2008- 07- 07 09:15 تەڭرىتاغ تورى

       ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئەتىگەنلىك ، كەچلىك بازارلارنىڭ تىجارەتچىلىرى ، باشقۇرغۇچىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ نازارەتچى خادىملىرىدىن 90 كىشىگە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەربىيىسى ئېلىپ باردى . بۇ مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە ئەتىگەنلىك ، كەچلىك بازارلار شەكىللەنگەن 17 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىملىق بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

      مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەتىگەنلىك ، كەچلىك بازارلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى ، باشقۇرۇلىشىدا زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن بىخەتەر باشقۇرۇش خىزمىتى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىكەن . بۇ قېتىملىق تەربىيىلەش كۇرسى تىجارەتچى ۋە باشقۇرغۇچىلارغا بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتۇش ، باشقۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش جەھەتتە زور رول ئوينايدۇ .                

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ