|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، 6–ئايدا مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن .
ئىيۇندا ‹‹122›› نومۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى مەلۇم قىلىش سۇپىسى قوبۇل قىلغان ھادىسە مەلۇم قىلىش تېلېفونى 3303 قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن ، ئۇنىڭ ئىچىدە دېلو تۇرغۇزۇلغان قاتناش ھادىسىسىدىن 74ى بار(تۆت ئادەم قازا قىلغان بىر قېتىملىق زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن) ، 21 قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە ئادەم قازا قىلغان بولۇپ ، قازا قىلغان ئادەم سانى 26 گە يەتكەن .
بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ھادىسە يۈز بېرىش قېتىم سانى %10.84 تۆۋەنلەپ ، قازا قىلغان ئادەم سانى% 30 ئۆرلىگەن . 5–ئايدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھادىسە يۈز بېرىش قېتىم سانى %4.23 ، قازا قىلغان ئادەم سانى %100 ئۆرلىگەن .
ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىقىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ بۇنىڭدىن 8 قېتىم قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىققان ھەمدە ئالتە ئادەم قازا قىلغان . بۇنىڭدىن باشقا نورمال تېزلىكتىن ئاشۇرۇپ ماشىنا ھەيدەش ، يول بەرمەي ماشىنا ھەيدەش ، پىيادىلەرنىڭ ماشىنا يولىدىن قانۇنسىز كېسىپ ئۆتىشى قاتارلىقلارمۇ بۇ ئېچىنىشلىق ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ئىكەن .
|