باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
دۆلەت پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى
2008- 07- 04 17:12 شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى

      خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى2– ئىيۇل دۇنيادىكى دۆلەت پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى . يېقىندىلا ئاياغلاشقان 2008–يىللىق ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ئىسپانىيە كوماندىسى تۇنجى قېتىم برازىلىيە ، ئارگېنتىنا ، ئىتالىيە كوماندىلىرىدەك كۈچلۈك كوماندىلارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ 1– ئورۇندا تۇردى ، ئىتالىيە كوماندىسى 2–ئورۇندا ، گېرمانىيە كوماندىسى 3–ئورۇندا تۇردى .

      ئۆتكەن ئايدا 2008–يىللىق ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ، 2010–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تاللاش مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەر كۆپ ئۆتكۈزۈلگەچكە ، بۇ قېتىم دۆلەت پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ رەت تەرتىپىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولدى . جۇڭگو كوماندىسى بۇ ئايدا يەنە تۆت ئورۇن چېكىنىپ ، دۇنيا بويىچە 83– ئورۇندا ، ئاسىيا بويىچە 10–ئورۇندا تۇردى . بۇنىڭغا جۇڭگو كوماندىسىنىڭ 2010–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى تاللاش مۇسابىقىسى 20 كۈچلۈك كوماندا مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولماي ، ئون كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرەلمىگەنلىكى سەۋەب بولدى .

      يېرىم يىلدىن بۇيان ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولغان ، ئۇدا ئالتە ئاي–ئورۇندا تۇرغان ئارگېنتىنا كوماندىسى ۋە دۇنيادىكى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى بولغان برازىلىيە كوماندىسىنىڭمۇ 2010–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى جەنۇبىي ئامېرىكا رايونى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولمىغاچقا ، ئۇلار ياۋروپادىكى كوماندىلارغا ئورۇن بوشاتتى ، ئارگېنتىنا كوماندىسى 4–ئورۇندا ، برازىلىيە 6–ئورۇندا تۇردى .

      ئاسىيادىكى دۆلەت كوماندىلىرى ئىچىدە ياپونىيە كوماندىسى دۇنيا بويىچە 34- ئورۇندا ، ئاسىيا بويىچە 1–ئورۇندا ، ئىران كوماندىسى دۇنيا بويىچە 37– ئورۇندا ، ئاسىيا بويىچە 2–ئورۇندا تۇردى . جۇڭگو كوماندىسىنىڭئالدىدا تۇرىدىغان ئاسىيادىكى كوماندىلاردىن يەنە ئاۋسترالىيە ، كورىيە ، ئىران ، ئۆزبېكىستان ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ، ئىراق ، قاتار ، بەھرەين كوماندىلىرى بار .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ