باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ئوپېكنىڭ رەئىسى : ئىران ۋە ئامېرىكا دوللىرى نېفىت باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچ
2008- 07- 04 15:26 شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى

      نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئالجىرىيىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە كانچىلىق مىنىستىرى ساجىب خەلىل يېقىندا مۇنداق دېدى : غەربنىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ئامېرىكا دوللىرى كۇرسىنىڭ چۈشۈشىنى تىزگىنلەش نېفىت باھاسىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان ئاچقۇچ .

     شۇ كۈنى خەلىل دۇنيا نېفىت يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى : نېفىت باھاسىنىڭ يېڭى رىكورتلارنى يارىتىشىنى جۇغراپىيىلىك سىياسىي ۋەزىيەتتىن ، بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىنىڭ ئىران بىلەن بولغان جىددى مۇناسىۋىتىدىن ۋە ئامېرىكا دوللىرى كۇرسىنىڭ چۈشۈشىدىن پەيدا بولغان ھايانكەشلىك بازىرىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ بىئو يېقىلغۇلارنى كېڭەيتىشىمۇ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى . خىلىل ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى : ئەگەر ئىران مەسلىسىنى ھەل قىلىدىغان يولنى تاپالماي ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان بۇ مۇھىم دۆلەتكە بولغان ئۇرۇش تەھدىدىنى يوقاتمىساق ، خەلقئارادا نېفىتنىڭ باھاسىنى چۈشۈرگىلى بولمايدۇ ، چۈنكى ئىران ئۇرۇش تەھدىدىگە ئۇچرىغان ھامان نېفىت ئېكىسپورت قىلىشنى توختىتىدۇ .

     ئۇ مۇنداق دېدى : نېفىتنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرىمىز دەيدىكەنمىز ، خۇغراپىيىلىك سىياسىي جەھەتتە تەدبىر قوللىنىشىمىز ۋە ئامېرىكا دوللىرى كۇرسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك .

     خەلىل شۇ كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەر نېفىت بىلەن يېتەرلىك تەمىنلىمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلدى . ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ھازىرقى يۇقىرى باھا نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ، چۈنكى يۇقىرى باھالىق نېفىت ئېھتىياجنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلايدۇ .

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ