باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
2008–يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا 428 ئورۇن بوش قالدى
2008- 07- 04 14:28 تەڭرىتاغ تورى

      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2008–يىللىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا مەمۇر خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىكى 3708 خىزمەت ئورنىدىن 428 ىگە بىرمۇ ئادەم تىزىملاتمىغان بولۇپ ، بۇ ئارزۇسىنى تەڭشەشكە قوشۇلغان بىر قىسىم تىزىملاتقۇچىلارغا ياخشى پۇرسەت بولۇپ قالىدىكەن .

     ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتىنىڭ 3–ئىيۇل ئېلان قىلغان‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2008–يىللىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا مەمۇر خادىم ، خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ ئىستاتىستىكىسى››دا ئاشكارىلىنىشچە ، بىرمۇ ئادەم تىزىملاتمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىچىدە ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەرلەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن 161ى ، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن 97 سى ، ئاپتونوم رايونلۇق ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىدىن 76 سى ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ئوبلاست يېزا ، بازار ئورگانلىرىدىن 41 ى ، بازار باشقۇرۇش ، سۈپەت تەكشۈرۈش ، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ، باج سىستېمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن 43 ى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن 10ى بار ئىكەن .

      2008–يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملاتقۇچىلار 5–ئىيۇل سائەت 10(بېيجىڭ ۋاقتى) دا شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تورى(http://www.xjrsks.com.cn) دىن يېزىقچە ئىتىمھاننىڭ قاتنىشىش كېنىشكىسىنى چۈشۈرەلەيدىكەن .

     ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى مۇناسىۋەتلىك خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار كېنىشكە چۈشۈرۈشتە قېيىنچىلققا ئۇچرىسا ، ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەرنىڭ كادىرلار ئىمتىھانى مەركىزىگە بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدىكەن . ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان ۋاقتىدا چوقۇم ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى بىلەن كىملىكىنى بىللە ئېلىپ كىرىشى كېرەك ئىكەن. كىملىكى يۈتۈپ كەتكەنلەر تېزدىن مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا بېرىپ ، ئىناۋەتلىك ۋاقىتىلىق كىملىك بېجىرىشى كېرەك . 

   يېزىقچە ئىمتىھان 12–13–ئىيۇل باشلىنىدۇ .

 

          

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ