|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەت مۇھەممەت خەۋىرى : يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ، تۇمشۇق شەھىرى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ، يول-ترانسپورت تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ، ئادەم ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ توشۇلۇشىنى تېخىمۇ تېزلەتتى. بۇنىڭ بىلەن شەھەر-يېزا ئاممىۋى قاتناشنىڭ تەرەققىياتى بۇ يېڭى شەھەردە يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى. تۇمشۇق شەھىرىگە تەۋە بەش بازار ، بىر باشقارما بولۇپ ، ئومۇمىي نوپۇسى 150 مىڭغا يېتىدۇ . شەھەر قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە قاتناش قۇلايسىز بولغانلىقتىن ، خەلق ئاممىسىنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىشلەش، سىرتقا چىقىپ تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىش ۋە مال سېتىۋېلىش ئىشلىرى ئىنتايىن قىيىن ئىدى. 2005-يىلى تۇمشۇق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 254 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ ئىككى دانە ئاپتوبۇس سېتىۋېلىپ ، تۇمشۇق شەھىرى بىلەن شوركۆل سۇ باشقارمىسى يولغا قاتنىتىپ ، ئاممىۋى قاتناش لىنيىسىنى ئاچقانىدى. شۇ يىلى 9-ئايدا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەت سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق، شەھەر-يېزا ئاممىۋى قاتناش شىركىتى قۇرۇپ ، تەۋەلىك رايوندا تۆت لىنىيە بويىچە قاتناشنى يولغا قويۇپ ، شەھەردىكى بەش بازار، بىر باشقارمىنىڭ ئاممىۋى قاتناش لىنىيىلىرىنى تۇتاشتۇرغانىدى. ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ، تۇمشۇق شەھەرلىك شەھەر-يېزا ئاممىۋى قاتناش شىركىتى ئەڭ بۇرۇنقى سەككىز دانە ئاپتوبۇستىن بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىي قىلىپ ، 72 دانە بىر تۇتاش تىپلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بار شىركەتكە ئايلىنىپ ، ۋاقىت ، لىنىيە ، نۆۋەت بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ ، ئاممىۋى قاتناش تورىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، شەھەر رايونلىرى بىلەن ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئالاقىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى. يېقىندا 51-تۇەندىن تۇغقان يوقلاپ ، قايتىش يولۇمدا تۇمشۇق شەھىرىنىڭ ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرغانىدىم ، ئالدىمدا ئولتۇرغان 70 ياشتىن ئاشقان بوۋاي خۇشال ھالدا ماڭا: مەن ئايالىم بىلەن مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەن بولساممۇ ، 30 يىلغا يېقىن بازار ئاتلاپ باقماپتىكەنمەن ، ھازىر كىشىلەردىن قاتناش بەكلا قۇلاي بولدى دەپ ئاڭلاپ، مارالبېشى ناھىيىسىنى ئايلانغاچ، نەزەر دائىرەمنى ئېچىپ كېلەي دەپ يولغا چىقىشىم، قاتناش راستىنلا قۇلايلىق بولۇپ كېتىپتۇ،-دېدى.
|