|
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق شەرەپلىك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ 3 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە ، ئاپتونوم رايونىمىز شەرەپلىك ئىشلارنى يولغا قويغان 14 يىلدىن بۇيان مول نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
1995 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز شەرەپلىك ئىشلارنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان بارلىق زاتلار ۋە پۇقراۋى كارخانىلار شەرەپلىك ئىشلارغا پائال قاتناشتى، تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشنى مەركەز قىلىش، بايلىق ئېچىش ، كارخانا قۇرۇش ، ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش، سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەمدە ئىئانە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مائارىپ ، سەھىيە ، مەدەنىيەت قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا شەرەپلىك ئىشلار تۈرىدىن 306 سى يولغا قويۇلغان بولۇپ ، 7 مىليارد 269 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ، 41 مىڭ 800 ئادەم/قېتىم تەربىيىلىگەن.
بۇ شەرەپلىك ئىشلار تۈرى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: شىنجاڭ ئارمان ئوقەتچىلىك شىركىتى كۆنەس ناھىيىسى، مورى ناھىيىسى قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەردە 3 مىڭ مو نوقۇت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، دېھقانلارنى يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى تېرىشقا يېتەكلەپ، 30 مىڭدىن كۆپرەك دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن تەدرىجى قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ شىنجاڭ خۇالىڭ گۇرۇھى كورلا شەھىرىگە 800 مىليون مەبلەغ سېلىپ، خۇالىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ بازىرىنى قۇرۇپ، نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى؛ شىنجاڭ كۈمۈش توشقان گۇرۇھى 2006 - يىلى يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 500 دىن كۆپرەك ئادەمنى تەربىيىلىدى، 800 دىن كۆپرەك ئادەمنى سىرتقا يۆتكىدى؛ شىنجاڭ خۇڭدا گۇرۇھى ئۈرۈمچى قار لەيلىسى تېغىغا 100 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، قاقاس تاغنىڭ 5 مىڭ مودىن كۆپرەك يېرىنى كۆكەرتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، شەرەپلىك ئىشلارغا قاتناشقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان بارلىق زاتلار يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىش، تەبىئىي ئاپەتلەردىن قۇتقۇزۇش، پۇل ئىئانە قىلىپ، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىئانە قىلغان پۇل، ماددىي بۇيۇملىرىنىڭ قىممىتى 392 مىليون يۈەنگە يەتتى.
|