|
قەشقەر سودا يەرمەنكىسىدىكى نۇرغۇن يايما ئورۇنلىرىدا، مارالبېشى مېۋە – چىۋىلىرى يايما ئورنىنى كىشىلەر ئورۇۋالغان ئىدى، مۇخبىر كىشىلەر توپىىغا كىرگەندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ‹‹ھاشىم›› ماركىلىق تاۋۇزنى تېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئەمدىلا تاۋۇز تېتىپ تۇرغان بىر خېرىدار مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىنتايىن سۇلۇق ھەم تاتلىقكەن.
‹‹ھاشىم›› ماركىلىق تاۋۇز‹‹ 2003 – يىلى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس›› نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. مارالبېشى ناھىيە چوڭقۇرچاق يېزا تۈگمەنبېشى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى داۋۇت ھاشىمنىڭ ئىسمى بىلەن رۇيخەتكە ئېلىنغان. بۇ تاۋۇزنىڭ سىرتى مايلىق، پارقىراق بولۇپ، ئېتى قېلىن، شاپىقى نېپىز، تەملىك ئىدى. تاۋۇز سېتىۋاتقان داۋۇت ھاشىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2005 – يىلى بىز ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بىر تاۋۇز سورتىنى تاللاپ چىقىپ، يېزىمىزدا سىناق تەرەققىسىدە 5 مىڭ مو يەرگە تېرىدۇق، شۇ يىلى ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولدى ھەمدە شۇ يىلى ‹‹ھاشىم›› دېگەن ماركىنى ئەنگە ئالدۇردۇق، 3 يىللىق كېڭەيتىش ئارقىلىق، ھازىر يېزىمىزدا 20 مىڭ موغا يەتتى، دېھقانلارنىڭ تاۋۇز تېرىقچىلىقىدىن قىلىدىغان كىرىمىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى، ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا بىر مو يەردىن قىلىدىغان كىرىمى 2 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، يەنە 100 كېلوگرام تاۋۇزنى بېيجىڭغا ئاپىرىشنى ھەمدە مەملىكەت بويىچە كېڭەيتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.
قەشقەر سودا يەرمەنكىسىدە، ‹‹ھاشىم›› ماركىلىق تاۋۇز بىلەن بىرگە، يەنە نۇرەك ماركىلىق كۆكتاتمۇ خېرىدارلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى، ‹‹نۇرەك›› ماركىلىق كۆكتات — تاشلىۋېتىلگەن خەنزۇ قىز بوۋاقنى بېقىۋېلىش بىلەن نام چىقارغان مارالبېشى ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر بوۋاي ئابلىز نۈرەكنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا، يەرمەنكىگە قاتناشقان خېرىدارلار بىلەن تەمىنلەش، سېتىۋېلىش توختىمى ئىمزالاندى. بوۋاي ئابلىز نۇرەك مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن ئەسلىدە ئۆزەمنىڭ ئىسمى بىلەن كۆكتاتلىرىمغا بازار تېپىش نىيىتىدە بولغانىدىم، ماركىنى رۇيخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئويلىمىغان يەردىن كۆكتاتلىرىمنىڭ بازىرى ياخشى بولۇپلا قالماي، يېزىمىزدىكى دېھقانلارمۇ نەپ ئالدى، ھازىر بىزنىڭ كۆكتاتلىرىمىز قەشقەردە ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، نۇرغۇن خېرىدارلار بۇ يەرگە كېلىپ كۆكتات سېتىۋېلىۋاتىدۇ، بىز يەنە يېقىندىكى سودىگەرلەر بىلەن 1 يىللىق توختام ئىمزالىدۇق. كۆكتاتلىرىم كورلا، ئاقسۇ ۋە خوتەندە سېتىلىۋاتقان، مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ ‹‹ھاشىم›› ماركىلىق تاۋۇزى، ‹‹نۇرەك›› ماركىلىق كۆكتىتى سودىگەرلەرنىڭ دېققىتىنى تارتتى، مارالبېشى ناھىيىسى 200 مىليون يۈەنلىك سودا توختىمى ئىمزالىدى.
|