|
نۆۋەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەن ، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش باشلىنىپ بولدى . بۇ يىل ، دۆلەت ئاشلىق بىۋاستە ياردىمى ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى ياردىمى ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياردىمى ، ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق ياردىمى قاتارلىق دىھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتقان . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشلىق باھاسى تەدرىجىي ئورنىغا كەلگەنلىكتىن ، دىھقانلار ئاشلىق سېتىپ بېرىشتە قىزغىن بولدى.
بۇ يىل ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 1 مىليون مو يەرگە تېرىلغان بۇغدايدىن مول- ھوسول ئېلىش مۇقىملىشىپ قالدى. مۇخبىر لوپ ناھىيىسى ھاڭگىيا يېزىسىدىكى يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش پونكىتىدا ، دېھقانلارنىڭ ئىشەك ھارۋىسى ۋە تىراكتورلارنى ھەيدەپ كېلىپ ، بەس- بەس بىلەن ئاشلىق سېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى . دېھقان ئەلى ئىمىن: ‹‹610 كىلوگىرام ئاشلىق سېتىپ، 1 مىڭ 190 يۈەن نەق پۇل ئالدىم›› دېدى . لوپ ناھىيىسى سامپۇل يېزىسىدىكى ئاشلىق پونكىتىدا ، دېھقانلار ساتماقچى بولغان بۇغدايلارنى تاسقاۋاتقان بولۇپ ، ئۇلار دۆلەتكە ئەڭ ياخشى بۇغداينى سېتىپ بەرمەكچى ئىدى . دېھقان زىلەيخان ئىمىن ‹‹دۆلەتنىڭ سىياسىتى شۇنچە ياخشى تۇرسا ، ئەڭ ياخشى بۇغداينى بەرمىسەك قانداق بولىدۇ›› دېدى. لوپ ناھىيىسىدە يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش باشلانغاندىن بۇيان ، 600 توننىدىن ئارتۇق بۇغداي سېتىۋېلىندى .
بۇ يىل، ئاقسۇ شەھىرىدە تېرىلغان بۇغداي كۆلىمى 93 مىڭ موغا يېتىپ ، بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسە ئاشتى . ئوتتۇرىچە بىرلىك مەھسۇلات 464 كىلوگىرامغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رىكورت يارىتىلدى . 6- ئاينىڭ 26- كۈنى ، مۇخبىر ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىسىدىكى ئاشلىق پونكىتىدا ، ئاشلىق سېتىش ئۈچۈن كەلگەن دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئۇزۇن سەپ بولۇپ تىزىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. يېڭى ئاشلىق سېتىپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەن دېھقان مامۇت مەخمۇت خوشال ھالدا ‹‹بۇ يىل ھوسوللۇق يىل بولدى. بۇغداينىڭ سۈپىتى ۋە مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولدى. دۆلەتنىڭ سىياسىتى ياخشى بولغانلىقتىن، بىزنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىمىزمۇ ئاشتى. كېلەر يىلى، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن›› دېدى .
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، توقسۇ ناھىيىسگە قاراشلىق ھەر قايسى يېزا- بازارلاردىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش نۇقتىلىرىدا ئادەم ئايىقى ئۈزۈلمىدى. 6- ئاينىڭ 24- كۈنىگىچە بولغان قىسقىغىنا بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە سېتىۋېلىنغان بۇغداي 500 توننىغا يەتتى. يۇلتۇزباغ بازىرىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش نۇقتىسىدا، بۇغداي قاچىلانغان 3 چاقلىق موتسىكلىتلار ، ئىشەك ھارۋىلىرى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى قاتارلىقلار ئۇزۇن سەپ بولۇپ تىزىلغانىدى. بۇغداي ساتقان 3 مىڭ يۈەننى قولىغا ئالغان دېھقان مىرھوشۇر باۋدۇن خوشال ھالدا‹‹بۈگۈن 1 مىڭ 900 كىلوگىرام بۇغداي سېتىپ، 3 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل ئالدىم. مالىيىدىن ھەر كىلوگىرامىغا 2 مودىن ياردەم پۇلى بەردى. دۆلەت يەنە ھەر بىر مو يەر ئۈچۈن 90 يۈەندىن ياردەم پۇلى بەردى. مۇشۇنداق ھىساپلىغاندا ، بۇغداي تېرىشتىن قىلغان كىرىم كېۋەز تېرىشتىن قىلغان كىرىمدىن تۆۋەن بولمايدىكەن . كېلەر يىلى تېخىمۇ كۆپ يەرگە بۇغداي تېرىيمەن›› دېدى.
|