|
ھازىر ئۆتكۈزۈلىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە ، جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان شىنجاڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى تارايتىپ ، ئاشلىق ۋە يەم–خەشەك زىرائەتلىرىنى تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ ، يېزىلاردىكى چارۋىچىلىق ئىشلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىدىكەن .
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، شىنجاڭدا كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە كېۋەز تېرىش كۆلىمى 7 مىليون مو كېمەيتىلىپ ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە كېۋەز تېرىش كۆلىمى كېمەيتىلىپ 16 مىليون موغا چۈشۈرۈلىدىكەن .
نۆۋەتتە ، شىنجاڭدىكى كېۋەز تېرىش كۆلىمى 27 مىليون مو بولۇپ ، بۇلتۇرقى مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون 900 مىڭ توننىغا يېتىپ ، پۈتۈن مەملىكەت پاختا مەھسۇلاتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ، پۈتۈن دۇنيا پاختا مەھسۇلاتىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتكەن .
جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى:‹‹تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى تارايتىپ ، ئاشلىق ۋە يەم–خەشەك زىرائەتلىرىنى تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى بولۇش يۈكىنى كۆتۈرۈۋېلىشىنىڭ ھىچقانداق زۆرۈرىيتى يوق . چوقۇم دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ ، قايسى ئىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولسا شۇ ئىشنى قىلىش كىرەك›› .
|