باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەملىكەت خەۋەرلىرى
2008- 07- 04 11:31 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ·بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 3 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئېلىمىزدىكى 3 كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بېيجىڭدىن ئايرىلدى ھەمدە كورىيە پايتەختى سىئولغا يۈرۈپ كەتتى.

     ·دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ 3 – ئىيۇل مۇنداق دېدى: ‹‹خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ۋە ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى قائىدىسىگە ئاساسلانغاندا، بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت رەھبىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى مۇشۇ دۆلەتنىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، تىزىمغا ئالدۇرۇلغان قىممەتلىك مىھمان قاتارىدا ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى كېرەك›› .  

     ·دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ 3 – ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مېكسىكا زۇڭتۇڭى فىلېپ كالدېرون ئېنوخسا مۇشۇ ئاينىڭ 9–كۈنىدىن 12– كۈنىگىچە ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

     ·جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مېڭ خۇڭۋېي 3 – ئىيۇل مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش خىزمىتى ئەمەلىي ئايلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. 3 جەھەتتە تېررورلۇق ھوجۇمى تەھدىتى ساقلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئېلىمىز بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.   

     ·مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 3 – ئىيۇل چۈش سائەت 12گىچە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا سالغان مەبلىغى 54 مىليارد 866 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز مالىيىسىدىن سېلىنغان مەبلەغ 49 مىليارد 748 مىليون يۈەنگە؛ يەرلىك مالىيىدىن سېلىنغان مەبلەغ 5 مىليارد 118 مىليون يۈەنگە يەتتى.

    ·خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 3 – ئىيۇل چۈش سائەت 12گىچە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىئانە پۇلى 55 مىليارد 728 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ھىساباتقا كىرىپ بولغىنى 55 مىليارد 333 مىليون يۈەنگە، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ئاجرىتىپ بېرىلگىنى 20 مىليارد 57 مىليون يۈەنگە يەتتى.

     ·دۆلەت سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بىۋاستە سېتىش بازارلىرىدىكى تىجارەت پائالىيەتلىرىنى بىر قېتىم ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈپ چىقىپ، بىۋاستە سېتىش بازىرى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش؛ بىۋاستە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىنى ئىگىلەپ، كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە قېلىپلاشقان باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ