|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ داۋالىنىش پۇلىغا قارىتا نورما بەلگىلەپ مۇكاپاتلاش مېخانىزمى ئورنىتىلغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.
ئۇقتۇرۇۇشتا دېيىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى داۋالىنىش پۇلى بىر تۇتاش غەملەشكە قاتناشتۇرۇلغان دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار ۋە دۆلەت ئازاد بولۇشتىن ئىلگىرى ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقان،% 100 لىك پېنسىيە پۇلىدىن بەھرىمان بولىۋاتقان ئىشچىلارغا ، شەخسلەر داۋالىنىش پۇلىغا قارىتا نورما بەلگىلەپ مۇكاپاتلاش،تېجەپ قالغان قىسمىنى ئۆزىگە قايتۇرۇش مېخانىزىمى ئورنىتىلغان، يەنى يىل ئاخىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار شەخسىلەرنىڭ داۋالىنىش پۇلىنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىگە ھەر يىلى كىشى بېشىغا 21 مىڭ يۈەن، ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىنقىلابقا قاتناشقان دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارغا ھەر يىلى كىشى بېشىغا 15 مىڭ يۈەن، ئازادلىق ئۇرۇشىدا ئىنقىلابقا قاتناشقان دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار ۋە پېشقەدەم ئىشچىلارغا ھەر يىلى كىشى بېشىغا 12 مىڭ يۈەن ئۆلچەم بويىچە، ئالدىنقى يىلقى نورما ئېشىندى سانىنىڭ بىر قىسمى شەخسلەرگە قايتۇرۇپ بېرىلىدىكەن. يەنىلا چىقىمىنى ئەينەن ئاتچوت قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىكەن. بۇ سىياسەت 2008 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.
|