|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسلاھات – تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە،‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مال باھا قانۇنى›› يولغا قويۇلغان 10يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە مال باھا قانۇنىغا خىلاپ 5533دېلو تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ دېلولارغا چېتىشلىق سومما 37مىليون 596مىڭ 310يۈەنگە يەتكەن.
ئون يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مال باھا نازارەتچىلىك تارماقلىرى ئېلېكتىر – ئېنېرگىيە، پوچتا – تېلېگراف، داۋالاش مۇلازىملىقى ۋە دورا، ئۆي – زېمىن، خوجۇلۇق، ساياھەت قاتارلىق تارماقلاردىن بىر تۇتاش ھەق يىغىش ئەھۋالى، پەن – تېخنىكا، يەر زېمىن، لايىھىلەش، يولۇچى ترانسىپورتى، مۇھىت ئاسراش، مەدەنىيەت، پۇل – مۇئامىلە قاتارلىق سىستېمىلارنىڭ ھەق يېغىش ئەھۋالى ئۈستىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئىش ئورنىدىن قېلىپ خۇسۇسىي ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا قارىتىلغان ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ھەققى يېغىش ئەھۋالىنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرگەن ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ 877مىڭ686يۈەن ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلىتىپ بەرگەن، 898تۈرلۈك نامۇۋاپىق ھەقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ياخشى مال باھا مۇھىتى ياراتقان.
|