باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل يەنە20 قۇدۇقنى تىندۇرىدۇ
2008- 07- 04 10:47 شىنجاڭ گېزىتى

       ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل شەھەرنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسى تورى قۇرۇلۇشىغا 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن 20 قۇدۇق تىندۇرۇلۇپ ، قۇدۇقلار جايلاشقان دائىرىدىكى 30 نەچچە مىڭ ئائىلىلىك  ئۆلچەملىك تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىدىغان بولىدۇ.

       ساڭفاڭگۇ (تۆشۈك تام) يولىدا ئولتۇرۇشلۇق ما فۇشېڭ پات ئارىدا تۇرۇبا سۈيى ئىچىدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولغان ھالدا : بۇ جايدا تۇرۇۋاتقىنىمغا 40 نەچچە يىل بولدى ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدىن باشلاپ ئىدارىنىڭ قۇدۇقىدىن سۇ ئىچىپ كەلدۇق. بۇ سۇ ھەم قىرتاق، ھەم تۇزلۇق، سۇنىڭ سۈپىتىمۇ ناچار بولغاچقا، پاكىز تۇرۇبا سۈيى ئىچىش ئۇزاقتىن بۇيانقى ئارزۇيىمىز ئىدى، دېدى.

       ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى سۇ تەمىنلەش – چىقىرىشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ چۈنمېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز بۇ يىل قۇدۇقى تىندۇرۇۋېتىلىدىغان 20 ئورۇننى زىيارەت قىلىپ، تۇرۇبا ياتقۇزۇش ئورنى ۋە ئۇزۇنلۇقىنى كېلىشىپ بېكىتتۇق. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پريوم – كارانتىن پونكىتى، جيۇجاۋەن 7 – ئەترەت، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئۇن زاۋۇتى قاتارلىق جايلاردىكى 30 مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئاھالە تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدۇ. ھازىر، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ سۇ ئېلېكتر ئۇچاستىكىسى، ئۈرۈمچى مەرھابا يولى كوچا باشقارمىسى، نېفىت گېئو تەكشۈرۈش باشقارمىسى قاتارلىق قۇدۇقى بار ئورۇنلار تۇرۇبىسىنى شەھەر تۇرۇبا سۈيى تورىغا ئۇلاپ بولدى.

      بۇلتۇردىن بۇيان، سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى شەھەردىكى قۇدۇقلارنى ئېنىقلاپ چىقتى. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىدارىلەر ئىشلىتىۋاتقان 235 قۇدۇق بولۇپ، شەھەر مەركىزىدە 135 ى بار ئىكەن. بۇلتۇر 57 قۇدۇق تىندۇرۇلۇپتۇ، 2009 – يىلى بارلىق قۇدۇقلار تىندۇرۇۋېتىلىدىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ