باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
8–ئاۋغۇست توي خېتى ئالىدىغانلار كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن
2008- 07- 04 10:46 شىنجاڭ گېزىتى

   2008 – يىل 8 – ئاۋغۇست توي خېتى ئېلىشقا تەمشىلىۋاتقانلار  ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە 8 – ئاۋغۇست توي خېتى  ئالىدىغانلار كۆپىيىپ كېتىدۇ، دەپ قىياس قىلىۋاتىمىز، شۇڭا توي خېتى ئالغۇچىلارنى تىزىملاش تارماقلىرى ھازىر تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ قويدى، توي خېتى ئالغۇچىلار مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلارنى ئېلىپ، ئارىدىن بىر تەرەپنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى رايونلۇق (ناھىيىلىك) خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرىنىڭ توي خېتى ئالغۇچىلارنى تىزىملاش تارمىقىغا بېرىپ ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ 8 – ئاۋغۇست توي خېتى  ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

   ئو ت م 2008 – يىلى 8 – ئاۋغۇست بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ كۈن جۇڭخۇا مىللەتلىرى تەنتەنە قىلىدىغان كاتتا كۈن، شۇنداقلا بۇ كۈن دېھقانلار كالېندارى بويىچە 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى بولۇپ، نىكاھلىنىدىغان ئەنئەنىۋى قۇتلۇق كۈن.  توي خېتىنى ئو ت م باشلىنىدىغان كۈنى ئېلىش نۇرغۇن ئاشىق – مەشۇقلار ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، شۇڭا  نۇرغۇن كىشى 8 – ئاۋغۇست توي خېتى ئېلىشنى نىشانلىدى.
ئىگىلىشىمچە، شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى يېقىندا ‹‹ئو ت م مەزگىلىدىكى توي خېتى ئالغۇچىلارنى تىزىملاشنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› نى تارقىتىپ، شەھەردىكى توي خېتى ئالغۇچىلارنى تىزىملاش تارماقلىرىنىڭ بارلىق خادىملىرىنىڭ تەق بولۇپ تۇرۇشىنى، ھەم مۇلازىمەتچىلەرنى ۋاقتىدا سەپلەشنى؛ تىزىملاشقا ئىشلىتىلىدىغان كوميۇتېر، پىرىنتىر، تىزىملاش يۇمشاق ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەڭشىشىنى؛ توي خېتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

   تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى توي خېتى ئالغۇچىلارنى تىزىملاش بۆلۈمىنىڭ خادىمى مۇنداق دېدى: تېلېفون ئۇرۇپ مەسلىھەت سورايدىغانلار يېقىندىن بېرى كۆپىيىپ قالدى، خادىملىرىمىز تېلېفوندا 8 – ئاۋغۇست توي خېتى  ئالماقچى بولغانلارغا ئالدىن كېلىشسە بولىدىغانلىقىنى، ھەم ئالاقىدار كىنىشكىلارنى تولۇق ئېلىپ كېلىشنى تاپىلاپ تۇرۇۋاتىدۇ. توي خېتى ئالماقچى بولغان نۇرغۇن كىشى تېلېفوندا كېلىشىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. لېكىن نىكاھلىنىش چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس، كىشىنىڭ ھاياتىدىكى چوڭ ئىش، يەنە كېلىپ كىنىشكىلارنى تەكشۈرۈش، جەدۋەل توشقۇزۇش قاتارلىق تەرتىپلەر بار، شۇڭا توي خېتى ئالماقچى بولغانلار ئۆزى بىۋاسىتە كېلىپ كېلىشىشى كېرەك؛ تەكشۈرۈشتە شەرتكە چۈشىدىغانلارنى رەتكە تىزىپ، ئۇلارغا نومۇر بېرىدىغان ئىش بار. 8 – ئاۋغۇست توي خېتى ئالماقچى بولغانلار ئالدىن كېلىشكەندە بېرىلگەن نومۇر بويىچە رەسمىيەت بېجىرىپ گۇۋاھنامىنى ئالىدۇ. ھازىر توي خېتى ئالماقچى بولغان 13 جۈپ قىز – يىگىت ئىدارىمىزگە كېلىپ ئالدىن كېلىشىش رەسمىيىتىنى بېجىردى.

   سايباغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ توي خېتى ئالغۇچىلارنى تىزىملاش بۆلۈمىنىڭ خادىمى مۇنداق دېدى: 8 – ئاۋغۇست توي خېتى  ئېلىشنى ئالدىن كېلىشىش خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تېلېفون بېرىپ ياكى بۆلۈمگە كېلىپ مەسلىھەت سورايدىغانلار كۆپەيدى، لېكىن ئالاقىدار كىنىشكىلارنى ئېلىپ كېلىپ رەسمىي ئالدىن كېلىشكەنلەر كۆپ ئەمەس، 7 – ئاي ئىچىدە كۆپىيىشى مۈمكىن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ