|
25 – ئىيۇن چۈشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقتاغ (شىمىگو) رايونى مەخسۇس ساياھەت بايلىقلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ساياھەت بايلىقلىرىنى ‹‹بازار›› غا سالدى.
بۇلاقتاغ رايونى كۆپ يىللاردىن بۇيان، ‹‹مەركىزى سودا رايونى، ئىستىراھەت ساياھەت رايونى، مەركىزىي شەھەر سانائەت رايونى، ئولتۇراقلىششقا ماس كېلىدىغان ئېكولوگىيىلىك رايون ‹‹قۇرۇش›› نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇردى. ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ خاسلىقى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىشقا كۈچ چىقاردى. بۇ رايون ‹‹قار – مۇز، ئائىلە ساياھەتچىلىكى، ئارىشاڭ، گولف توپ››دىن ئىبارەت تۆت داڭلىق ماركىنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈپ، تەنھەرىكەت ئىستىراھىتى ۋە شەھەر ئەتراپى يېزا ،كەنت ئائىلە ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. ھازىر، بۇ رايوندا دۆلەت دەرىجىلىك ‹‹A4››دەرىجىلىك مەنزىرە ساياھەت رايونىدىن ئىككىسى،A دەرىجىلىك مەنزىرىلىك رايون – ۋولۇڭگاڭ ساياھەت ئارامگاھى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ساياھەت كوپىراتىپىدىن ئالتىسى، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىدىن بەشى،3S ،2S ،1S دەرىجىلىك قار – مۇزساياھەت مەيدانى ۋە 150 دىن ئارتۇق ئائىلە ساياھەتچىلىك ئورنى بار.
|