|
بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىن 6 – ئاينىڭ باشلىرىغىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە قۇم – بوران، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى ئاپىتى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى 205 مىليون يۈەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتتى.
ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بۇ يىل 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنىگىچە، كەڭ دائىرىلىك قۇم – بوران، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، كېۋەز تېرىلغۇسى، ئەسلىھەلىك تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق ئىشلىرىنى 97 مىليون 680 مىڭ يۈەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتتى؛ 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئۇچتۇرپان، ئونسۇ ناھىيىلىرىنىڭ بىرقىسىم جايلىرىدا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قارا يامغۇر، مۆلدۈر ئاپىتى بۇ ئىككى ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە 18 مىليون 743 مىڭ يۈەن زىيان سالدى؛ 5 – ئاينىڭ 24 – كۈنى شايار ناھىيىسى ئېغىر مۆلدۈر ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 89 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
ئۈزۈلمەي يۈز بەرگەن بۇ ئېغىر تەبىئىي ئاپەت ئالدىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئىشلىدى. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپەت زىيىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە تىزگىنلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنىڭ كەمچىل بولۇشى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشىدا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى.
|