باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
چىنخۇاڭداۋ پورتىدىكىلەر شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ ئەلامۇلازىمەت قىلىدۇ
2008- 07- 04 10:38 شىنجاڭ گېزىتى

   دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم يۈك توشۇش پورتلىرىنىڭ بىرى بولغان خېبېي ئۆلكىسىدىكى چىنخۇاڭداۋ پورتىنىڭ ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قۇلايلىق پورت يارىتىش›› ىنى ئاساسىي تېما قىلغان تەۋسىيە  يىغىنى يېقىندا ئۈرۈمچى‹‹Sheraton››مېھمانسارىيىدا ئېچىلدى.

   يىغىندا چىنخۇاڭداۋ پورتىنىڭ مەسئۇلى شىنجاڭنىڭ يۈك توشۇش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ھەقلەرنى تۆۋەنلىتىش، ئىسكىلاتتا مال ساقلاپ بېرىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، پورت مۇھىتىنى ئەۋزەللەشتۈرۈش، مال توشۇش ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنى كۆپەيتىش قاتارلىق يەتتە تۈردە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىندا يەنە شىنجاڭدىكى بىر قىسىم كارخانىلار ۋە بىر قىسىم چېگرا ئېغىزلىرى ۋەكىللىرى چىنخۇاڭداۋ پورتى ۋەكىللىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. 

   ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ چىنخۇاڭداۋ پورتىغا كىرگەن ھەر بىر يەشىك مالنىڭ يېشىلىش – قاچىلىنىش ھەققى باشقا پورتلارغا قارىغاندا 200يۈەن ئەرزان بولىدىكەن. چىنخۇاڭداۋ پورتى ئۇنىۋېرسال خەلقئارالىق مال توشۇش پورتى بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈر توشۇش ۋە پارچە مال توشۇش پورتى، ئۇ دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى پورتلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ