|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى خەۋىرى. كۆمۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك جىددىي قۇتقۇزۇشى ئارقىلىق ھازىر شىنجاڭدىكى كۆيۈش كۆلىمى ئەڭ چوڭ كۆيۈۋاتقان كۆمۈرلۈكباي ناھىيىسىنىڭ قۇرئېقىن كۆمۈرلۈكىدىكى ئوت ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى.
شىنجاڭ كۆمۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى ئورنىنىڭ ئىنژېنېرى پېڭ گوچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قۇرئېقىن كۆمۈرلۈكى باي ناھىيىسىنىڭ 43 كىلومېتىر شىمالىدا بولۇپ، ئېنىقلانغان كۆمۈر زاپىسى 60 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدا كىچىك كۆمۈر كانلارنىڭ قالايمىقان ئېچىلىشى سەۋەبىدىن قۇرئېقىن كۆمۈرلۈكىدە يەر ئاستى ئوت ئاپىتى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ھازىر كۆمۈرلۈكتىكى كۆيۈۋاتقان كۆلەم 500 نەچچە مىڭ كۋادرات مېتىرغا يەتتى، شەرقتىن غەربكىچە 30 كىلومېتىر كېلىدىغان رايوندا سەككىز تارماق يانغىن رايونى بولۇپ، شىنجاڭدىكى كۆيۈۋاتقان كۆلىمى ئەڭ چوڭ كۆمۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ، يىلدا كۆيۈپ زىيانغا ئۇچرىغان كۆمۈر 760 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ.
پېڭ گوچىنىڭ ئېيتىشىچە، كۆمۈرلۈكتىكى ئوت ئاپىتى نۇرغۇن كۆمۈر بايلىقىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، شۇ جايدىكى كەڭ كۆلەملىك ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، كۆمۈرنىڭ كۆيۈشىدىن چىققان كۆپ مىقداردىكى زەھەرلىك، زىيانلىق گاز ئاتموسفېرا ۋە مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان.
2007 – يىلى 3 – ئايدا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قۇرئېقىن كۆمۈرلۈكىدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈشكە 80 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى، قۇرۇلۇش خادىملىرى ھازىر دۇنيادا ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان كۆمۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئوت كەتكەن رايوندا يەر يۈزىدىن سۇ قويۇپ، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، تۆشۈك تېشىپ لاي قۇيۇش، قۇم – توپا بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوت كەتكەن رايوننىڭ يانغىن دەرىجىسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى؛ 2010 – يىلى ئوت ئومۇميۈزلۈك ئۆچۈرۈۋېلىنىدۇ.
|