|
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇراخۇن ئىبراھىم خەۋىرى، فوتوسى : مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا بازىرىدىكى دېھقانلارنىڭ ئېڭىز ئورنى ۋە قۇغۇن ، تاۋۇز ، كۆكتات قاتارلىق زىرائەت ئېتىزلىرىغا كىرىشتۇرۇپ تېرىغان 5000 مودىن ئارتۇق يەردىكى سەۋزىسى 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇمۇمىي يۈزلۈك بازارغا كىردى . بازارلىق يېزا ئىگىلىك ، ئىقتىساد ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئابدىرىشىت قۇددۇس ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ : دېھقانلار بۇلتۇر كىرىشتۈرۈپ تېرغان ھەرمو يەدىكى سەۋزىدىن500يۈەن ئەتراپىدا ساپ كىرىم قىلغان ، بۇ يىل بازار ياخشى بولغاچقا 700يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلالايدۇ ، دېدى.

سۈرەتتە : دېھقانلار7-ئاينىڭ3-كۈنى بازاردا سەۋزە ساتماقتا
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇراخۇن ئىبراھىم خەۋىرى ، فوتوسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا بازىرى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا مەۋقەنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق چارۋىچىلىقنى تەرققىي قىلدۇرۇشقا قارتىپ ، چارۋا باققان ئائىلىلەرنى سىياسەت جەھەتتە يېتەكلەش ، ئاز سوممىلىق قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش ، يەم-خەشەك ئېتىزى ، ئېغىل - قۇتانلق يېرى بېرىش ، بازار ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش يوللىرى ئارقىلىق يۆلەش سالمىقنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە ‹‹چوڭ چارۋىنى مۇقىملاشتۇرۇش ، ئۇششاق ، سورتى تۆۋەن چارۋىلارنىڭ سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش ، ئالاھىدە چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش››قا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، چارۋىچىلىقنى ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى . نەتىجىدە بازار بويىچە بۇ يىل يىل بېشىدىن 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە قۇتاندىكى قالدۇرۇق چارۋا مالنىڭ سانى 78مىڭ تۇياق ، قۇتاندىن سېتىپ چىقىرىلغان ھەرخىل چوڭ-كىچىك چارۋا مال ساننى80مىڭ تۇياققا يىتىپ ، بۇلتۇرقى ئۆخشاش مەزگەىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالد ا20 مىڭ تۇياق ۋە 25 مىڭ تۇياق ئېشىپ ، ياخشى ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىلغان.

سۈرەتتە:7-ئاينىڭ3-كۈنى دېھقانلار بازاردا چارۋا سودىسى قىلماقتا
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھىرى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆي سېلىشىغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمىللەشتۈرگەنلىكتىن ، دېھقان-چارۋىچىلار يەر تەۋرەشكە چىداملىق ، ئازادە ، يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.

سۈرەتتە: دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ تىلسوزاق كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق تۇرالغۇ ئۆيلىرى
|