|

‹‹كەررىفور›› ، ‹‹ياخشى يۇرت›› قاتارلىق تاللا بازارلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە ، 2008–يىلى مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇق ئىچىملىك بازىرىدا سودا سۈيىنىڭ سېتىلىشى تېز سۈرئەتتە ئاشقان .
‹‹كەررىفور›› تاللا بازىرىنىڭ ھاراق ، سوغۇق ئىچىملىك بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى :‹‹باھار بايرىمىدىن كېيىن ، سودا سۈيىنىڭ سېتىلىشى % 20 ئاشتى ، مىنېرال سۇنىڭ سېتىلىشىمۇ ئىزچىل ياخشى بولۇۋاتىدۇ . لېكىن كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنىڭ كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ ، ھازىر سودا سۈيىنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى تېز بولماقتا ، سودا سۈيىنىڭ سېتىلىشى 4–ئايدا 800 قۇتا ، 5–ئايدا 1200 قۇتا ، 6–ئايدا بولسا 2000 قۇتىدىن ئېشىپ كەتتى . بىز سودا سۈينىڭ بۇ يىل بۇنچە تېز سېتىلىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدۇق››.
نۆۋەتتە ، مەركىزىي شەھەرنىڭ سوغۇق ئىچىملىك بازىرىدا ‹‹ئانارخان›› ، ‹‹لەنبور›› ، ‹‹لەندەي›› قاتارلىق ماركىلاردىكى سودا سۈيىنىڭ باھاسى مىنېرال سۇ باھاسىنىڭ ئۈچ ھەسسىىسىگە توغرا كېلىدىكەن .
|