|
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 410 مىڭ ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مۇشۇ ئاينىڭ 5 – كۈنى يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ، 8 –ئاينىڭ 30 – كۈنى تەتىل ئاياغلىشىدۇ. 2008 – 2009 يىلنىڭ بىرىنچى ئوقۇش مەۋسۈمى 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى باشلىنىدۇ، 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى رەسمىي دەرىس باشلايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىل مەزگىلىدە تۈرلۈك دەرس تولۇقلاش سىنىپلىرىنى ئاچماسلىقنى، مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر، شۇنداقلا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئىگىلەپ كوللېكتىپ دەرىس تولۇقلاشقا تەشكىللىمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈردىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەلالىرىنى تەربىيلەپ، ناچارلىرىنى يېتىشتۈرۋېلىش بويىچە دەرىس تولۇقلاپ بەرگەندە ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ، ئۆتۈلگەن دەرىس ۋاقتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئاساسىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش كېرەك. بولمىسا، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغاندىن باشقا ئاساسلىق كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ھەر قايسى مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە تەشكىللىگەندە، مائارىپنى مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىشى كېرەك.
|