|
1–ئىيۇل ، دېخۈي ئوقەتچىلىك گۇرۇھى پاراۋوز ئىككىنجى ئېغىزىنىڭ تاموژنا نازارەت ئىسكىلاتى تىجارىتىنى توختىتىپ ، ئىسكىلات ئورنىدىكى پاراۋوز DI كورپۇسىنى ئۆزگەرتىپ ياسايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، ئاپەتكە ئۇچرىغان 506 نەپەر بالىلار كىيىم–كېچەكلىرى سودىگىرى بۇ يەردە 10 يىللىق دۇكان ئىجارىسى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان تۆلەم ئورۇنلاشتۇرىشىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن . بۇ دېخۈي گۇرۇھىنىڭ ‹‹2–يانۋار››ئوت ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان سودىگەرلەرگە تۆلەم بېرىش لايىھىسىنىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .
دېخۈي گۇرۇھىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى قالغان 500 دىن كۆپرەك گىرىم بۇيۇملىرى ، كۆزەينەك سودىگەرلىرىنىڭ تۆلەم مەسىلىسىنى پاراۋوزC ، F كورپوسىنى ئىجارىسىز تىجارەت قىلىشقا بېرىش ئارقىلىق ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
|