باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 17 دورا دۇكىنىغا ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى
2008- 07- 03 11:50 تەڭرىتاغ تورى

      ئىنسۇلىن قاتارلىق روھلاندۇرغۇچى دورىلارنى سېتىشنى چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 17 دورا دۇكىنىنىڭ ئىسمى تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان كارخانىلار‹‹قارا تىزىملىك››ىگە كىرگۈزۈلدى .

      بۇ يىل مايدىن بۇيان ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەك–ئىچمەك ، دورا نازارەت قىلىش ، باشقۇرۇش ئىدارىسى پۈتۈن شەھەردىكى دورا سېتىش كارخانىلىرنىڭ روھلاندۇرغۇچى دورىلار مەخسۇس تۈرىنى تەكشۈرۈپ ، ‹‹شېننوڭ››دورىچىلىق گۇرۇھى پارچە سېتىش 35–زەنجىرسىمان دۇكىنى ، يېڭى شەھەر رايونلۇق ‹‹شىنيى›› دورا دۇكىنى قاتارلىق 17 دورا بۇيۇملىرى سېتىش كارخانىسىنىڭ دوختۇرنىڭ رېتسىپىغا ئاساسلانماي تۇرۇپ ، ئىنسۇلىن قاتارلىق روھلاندۇرغۇچى تەركىبلىك دورىلارنى ساتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان .       

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ