باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ماشىنىلىشىشىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ
2008- 07- 03 10:23 تەڭرىتاغ تورى

      ‹‹چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ماشىنىلىشىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ ، كەڭ چارۋىچىلار ئاممىسىنىڭ پىيادە سەپەر قىلىش ئەھۋالىنى تېزراق ئۆزگەرتىش كېرەك››. بۇ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەننىڭ 2–ئىيۇل چاقىرىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپى . 

       ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ تەسىرىدە ، رايونىمىزدىكى چارۋىچىلار يازدا يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا ، قىشتا قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا چارۋا بېقىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ . ھەر يىلى ھەر قايسى پەسىللەردىكى يايلاق كۆچۈش جەريانىدا نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق مۇساپە پىيادە بېسىلىپ ، نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىنىدۇ . بۇنىڭ بىلەن بىر ياز بېقىپ سەمىرىتكەن چارۋىلار يەنە ئېتىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ .

     ۋاڭ لېچۈن مۇنداق دېدى: ‹‹بىر چارۋىچى ئائىلىسى بارلىق ئۆي بىساتى ۋە مال–چارۋىسى بىلەن بىر ماشىنىدا توشۇلسا پۈتۈن مۇساپىنى بىر نەچچە سائەتتىلا بېسىپ بولغىلى بولىدۇ . بۇ خىل ئۇسۇل چارۋىچىلارنىڭ جاپاسىنى يەڭگىللىتىپ ، چارۋىلارنىڭ ئورۇقلاپ كەتمەسلىكىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي ، يەنە ۋاقىت تېجەپ ، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ››.

     نۆۋەتتە ، شىنجاڭدا 270 مىڭ 210 غا يېقىن چارۋىچى ئائىلىسى ، بىر مىليون 228 مىڭ 200 چارۋىچى بار بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %37 ىنى ئىگىلەيدىكەن.    

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ