|
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت يولى 312 – لىنىيىسى، ئۆلكە يولى 303 – لىنىيىسىنىڭ قۇمۇل بۆلىكىدىكى 75.5 كىلومېتىرلىق دائىرىدىكى 8557 مو ئىھاتە ئورمانلىقتا كېسەللىك، زىيانداش ھاشارات ئاپىتى يۈز بەردى. قۇمۇل شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىپ ۋە ئۇنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئورمانلارنى تېخىمۇ زور زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلاپ قالدى.
قۇمۇل شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ماددىي كۈچ ۋە ئادەم كۈچى چىقىرىپ، دۆلەت يولى 312 – لىنىيىسى ۋە ئۆلكە يولى 303 – لىنىيىسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا 44.5 كىلومېتىر ۋە 31 كىلومېتىر يەرگە 604 مىڭ تۈپ بورانغا، سوغۇققا، شورغا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق دەل – دەرەخلەرنى تىكىپ، يېشىل كارىدور بەرپا قىلىپ، بۇ رايوننىڭ ئېكولوگىيىسىنى ياخشىلىغانىدى. لېكىن بۇ يىل بۇ جايلاردىكى 8557 مو ئىھاتە ئورمانلىقتا كېسەللىك، زىيانداش ھاشارات ئاپىتى يۈز بەردى. بۇنى ئۆز ۋاقتىدا بايقىغان قۇمۇل شەھىرى يېقىندا 150 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى ئەۋەتىپ، ئورمانلارغا ئومۇميۈزلۈك دورا چاچقۇزدى، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئورمانلارنى يەرلىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاتقۇزدى.
|