باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئاقتۇلۇقلار 241 مىليون يۈەن جەلپ قىلدى
2008- 07- 03 10:21 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاقتۇ ناھىيىسى مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرغانلىقتىن،  1 – ئايدىن 6 – ئايغىچە  241 مىليون 60 مىڭ يۈەن جەلپ قىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 300 مىڭ يۈەن ئاشۇردى.

   ئاقتۇ ناھىيىسى سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ،  مەبلەغ جەلپ قىلىدىغان تۈرلەرنى بالدۇر، ئىلمىي پىلانلاپ، سىرتقى تەشۋىقاتنى كۈچەيتتى.  تور بېتى ئېچىپ، ناھىيىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرى، ئېتىبار سىياسەتلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى. ئۇچۇر ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەۋزەل شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، ئىچكىرىدىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قولغا كەلتۈردى. قائىدە – تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇردى. نەتىجىدە، بۇ يىل كان ئېچىش، پاختا توقۇمىچىلىق، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق 18تۈردە توختام ئىمزالىنىپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 241 مىليون 60 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ