باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
توقسۇ ناھىيىسى شەھەر – بازار قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنى تېزلەتمەكتە
2008- 07- 03 10:19 شىنجاڭ گېزىتى

   جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم قاتناش، سودا تۈگۈنلىرىنىڭ بىرى بولغان توقسۇ ناھىيىسى شەھەر – بازار قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

   ناھىيىنىڭ شەھەر – بازار قۇرۇلۇشى ئىلگىرى تۇرغۇن ھالەتتە بولۇپ، مەبلەغ ۋە تۈرلۈك ئامىللار تۈپەيلىدىن، شەھەر – بازار قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان، توقسۇ بازىرىدا كونا ئۆيلەر، تار كوچىلار كۆپ ئىدى.

   ناھىيىدىكىلەر 1987 – يىلىدىن باشلاپ شەھەر قۇرۇلۇشىنى پىلانلاشقا كىرىشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ ناھىيە يۇقىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ،  415 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنى يېڭىلاپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلىغان بولسىمۇ، ئىلمىي پىلانلىماسلىق، قۇرۇلۇشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىتقا سەل قاراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەزى قۇرۇلۇشلار پۈتمەي تۇرۇپلا چېقىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەنىدى.

  2002 – يىلىنىڭ باشلىرىدا ناھىيىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرى ناھىيىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن بىللە، شەھەر – بازار قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ئەھمىيەت بەردى. ئۇلار ناھىيىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنىڭ ئاجىز بولۇشىدەك ئەھۋالىغا ئاساسەن،  تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشنى تېزلەتتى.  

   ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ باۋشېڭ: ناھىيە بازىرىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشتا پۇل بولمىسا بولمايدۇ. بىز سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىپ شەھەر – بازار قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، شەھەر – بازىرىمىزنى زامانىۋى قىياپەتكە ئىگە قىلىپ، ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىشىمىز كېرەك، دېدى. ھاكىم ئەخمەت مۇھەممەت: توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ قالاق ھالىتىنى ئۆزگەرتىمىز دەيدىكەنمىز، بۇ بازارغا يېڭى مەزمۇن قوشۇشىمىز كېرەك. شەھەر – بازارنى ئۆزگەرتىشتە ئىدارە – ئورۇن، شەخسلەرنىڭ بەزى ئۆيلىرىنى چېقىشقا، ئۇلارنى كۆچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇلارنى كۆچۈرگەندە يۇقىرىنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئۆلچەم، بازارنىڭ تەرەققىياتىنى نىشان قىلىشىمىز كېرەك، دېدى.

   ناھىيە رەھبەرلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، توقسۇ بازىرىنىڭ دۆلەت تاشيولى 314 – لىنىيىسى، ئۆلكە يولى 211 – لىنىيىسىدە تۇتقان ئورنى ۋە ئەۋزەللىكلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتتى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، سىچۈەنلىك سودىگەر ۋاڭ جۇڭ توقسۇغا كېلىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ھەممە جايلىرىنى كۆرۈپ، بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پىيادىلەر يولىغا سودا شەھەرچىسى قۇرماقچى بولدى. ناھىيە ۋاڭ جۇڭ تاللىغان جاينى ئۇنىڭغا 15 يىللىق ئىجارىگە بېرىپ، تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەر ئارقىلىق ئۇنى قوللىدى. ۋاڭ جۇڭ 4 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇ جايغا ياۋروپا ئۇسلۇبىدا ‹‹بەخت يولى›› پىيادىلەر سودا كوچىسى قۇرۇپ چىقتى. توقسۇدىكى ئالدىن بېيىغان ئابلىز روزى ھاجىم توقسۇ بازىرىنىڭ كۆزى بولغان پاختا زاۋۇتى ئەتراپىنى بىراقلا سېتىۋېلىپ قۇرۇلۇش قىلىپ، ئۆي – زېمىن سودىگىرىگە ئايلاندى. توقسۇ بازىرىنىڭ سودىگەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشى بىلەن، جياڭسۇلۇق سودىگەر سۈي ۋېنگۇڭ، سىچۈەنلىك سودىگەر چېڭ ۋېيمېڭلارمۇ توقسۇغا مەبلەغ سالدى. ئۇلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى نەچچە 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. ئۇلار بۇ يىل توقسۇ بازىرىغا 18 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 33 مىڭ 400 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان توققۇز بىنا سېلىپ، قورۇ ئىچىنى باغچىلاشتۇرۇپ كۆكەرتتى.

   توقسۇ ناھىيىسىدىكىلەر  بىر نەچچە يىلدا 422 مىليون 868 مىڭ يۈەن مەبلەغ كىرگۈزدى. ناھىيە شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىشكە مالىيىدىن 310 مىليون 231 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ،  توقسۇ بازىرىغا كىرىپ چىقىدىغان بارلىق يوللارنىڭ چوڭ – كىچىك گۈللۈكلىرىگە 4000 تۈپتىن ئارتۇق چىنار، قارىغاي، خېنەن سۆگىتى، ئاق قىيىن، شادلىق دەرىخى تىكتى، ئاستىغا گۈل – گىياھ تېرىدى؛ مىللىي ئۇسلۇبتىكى پىيادىلەر كوچىسىنى ئۆزگەرتتى؛ ئولتۇراق بىنا سېلىپ، مەھەللىلەشتۈردى؛ شەھەر ئاھالىسىنى پار بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەش شىركىتىدىن ئىككىنى قۇردى؛ شەھەرنى يورۇتۇش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، پاسكىنا سۇنى چىقىرىۋېتىش، گاز يەتكۈزۈش، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، 45 مو كېلىدىغان باغچا شەكلىدىكى ئىككى ئارامگاھ مەيدانى ياسىدى؛ 85 ئورۇن كۆكەرتىش بەلبېغى ئىچىگە كىردى. ناھىيە بازىرىنىڭ كۆكەرتىلىش كۆلىمى 135 گېكتارغا يېتىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يېشىللىق كۆلىمى 15.8 كۋادرات مېتىردىن ئېشىپ كەتتى.

   شەھەر – بازارغا سېلىنىدىغان قۇرۇلۇشلارنىڭ چىرايلىق، باغۇ – بوستانلىق، زامانغا لايىق بولۇشى ئۈچۈن، ناھىيە شەھەر ئاھالىسى ياكى ئىدارە، ئورۇنلار قۇرۇلۇش قىلسا، شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى تەستىق سېلىش ۋە پىلانلاپ بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن توقسۇلۇقلارنىڭ شەھەر – بازار ئېڭى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ، شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ بىر قانچە قەۋەت ئۆي سالىدىغان ۋە ئۆي ئەتراپىنى يېشىللاشتۇرىدىغانلار كۆپەيدى.     ناھىيە يەنە تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋالماسلىق شەرتى بىلەن يېڭى رايون ئېچىشنى تېزلىتىپ،  ناھىيە بازىرىنى تۆت تەرەپكە كېڭەيتتى. قۇرۇلۇۋاتقان يېڭى رايوندا ئابلىز روزى ھاجىم، سۈي ۋېنگۇڭ، چېڭ ۋېيمېڭ ۋە ئۆي – مۈلۈك شىركىتى سالغان نۇرغۇن قۇرۇلۇش، سودا شەھەرچىسى ناھىيە بازىرىدا قەد كۆتۈرۈپ، كۆپلىگەن كوچىلاردا بازار شەكىللىنىپ، نۇرغۇن كىشىنى ئىش ئورنىغا ئىگە قىلدى.

   توقسۇلۇق نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ سودا ئېڭى ئۆسۈپ، ئۇلارمۇ ھويلا – ئارام، ئېتىزلىقىدىن چىقىپ، سودا – سېتىققا يۈزلەندى. بۇنىڭ بىلەن توقسۇ بازىرىنىڭ شەرقتە كورلا، غەربتە ئاقسۇ شەھەرلىرى، ئوتتۇرا قىسىمدا شايار، كۇچا، باي ناھىيىلىرى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى كۈچەيدى. نۆۋەتتە، توقسۇ ناھىيىسىدە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانا 79غا، يەككە ئىگىلىكتىكى كارخانا 1014كە، يەككە سودا – سانائەتچى 2837 گە، ئۇلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 173 مىليون 320 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ