|
بەزى كارخانىلار ۋە شەخسىيلەر يېقىندا بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ھوقۇق بېرىشىنى ۋە ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئىستېمالچىلارغا يۇقىرى باھادىكى ئاتالمىش ‹‹ئو ت م ئالاھىدە ئىجازەتلىك تاۋارلىرى›› نى ساتماقتا، بۇ بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتى بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان سالدى. مەن 23 – ئىيۇن بۇ ھەقتە ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ‹‹12315›› پاش – ئەرز قىلىش قوماندانلىق مەركىزىدىكىلەرنى زىيارەت قىلدىم، بۇ مەركەزدىكى خادىملار ئىستېمالچىلارنى ‹‹ئو ت م ئالاھىدە ئىجازەتچىلىك تاۋالىرى›› نى سېتىۋالغاندا ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ، ئوبدان پەرقلەندۈرۈپ سېتىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.
‹‹12315›› پاش – ئەرز قىلىش قوماندانلىق مەركىزىدىكى خادىم ماڭا مۇنداق دېدى: ئو ت م ئالاھىدە ئىجازەتلىك تاۋارلىرىنىڭ ھەممىسىدە چىنلىق بەلگىسى بار، بەلگىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۈچ سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى ئۇچۇر بىخەتەرلىك سىزىقى بولۇپ، ھولوگرافلىق ئو ت م گېربىنىڭ رەسىمى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ؛ بەلگىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى مەشئەلنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى رەسىمدە ‹‹Beijing 2008›› دېگەن خەت غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ؛ بەلگىنىڭ تۆۋەندىكى قىسمىدىكى رەسىم ۋە خەتلەرنى سىلاپ باققاندا قولغا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ.
ئو ت م ئالاھىدە ئىجازەتلىك تاۋارلىرى مەخسۇس دۇكاندا سېتىلىدۇ، سېتىۋالغاندا سېتىش ئورۇنلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى، چىنلىق بەلگىلىرىنى ۋە ياساش ھۈنەر – سەنئىتىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈش كېرەك ئىكەن؛ سېتىش ئورۇنلىرىنىڭ ھوقۇق بېرىلگەنلىك ۋە ئىجازەت كىنىشكىسىنى چىقىرىپ كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك ئىكەن، يەنە بېيجىڭ ئو ت م تەشكىلىي كومىتېتى بازار بۆلۈمىگە تېلېفون بېرىپ، ھوقۇق بېرىش كىنىشكىسىنىڭ نومۇرىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىكەن.
|