|
جېجياڭ يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 25 – ئىيۇن ئۆزىنىڭ تورىدا ‹‹جىفېڭتاڭ كاپسۇلى›› قاتارلىق ئالتە ساغلاملىق يېمەكلىكى توغرىسىدىكى ئېلاننىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى ئەسكەرتتى.
قانۇنغا خىلاپ بۇ ئالتە ساغلاملىق بۇيۇمى ئېلانى بېيجىڭ جىفېڭتاڭ شىركىتىنىڭ ‹‹جىفېڭتاڭ كاپسۇلى››، خاڭجۇ ‹‹لاۋلەيشۇ›› مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ ‹‹لاۋلەيشۇ كاپسۇلى››، بېيجىڭ مېينو ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى زاۋۇتىنىڭ ‹‹مېينو›› ماركىلىق ئورۇقلىتىش چېيى، ئامېرىكاA26 روھلاندۇرۇش مەنبەسى (‹‹كاڭجىنو›› ماركىلىق ئۈچەينى تازىلاش دەملىمىسى) بىلەن ماۋرېنلىسۇ (‹‹لۈدۇيا›› ماركىلىق ئورۇقلىتىش كاپسۇلى)، ‹‹جيۇكۈەيجيۇ›› ئورۇقلىتىش كاپسۇلى (‹‹چىڭۋۇ›› ماركىلىق ئورۇقلىتىش كاپسۇلى) توغرىسىدىكى ئېلان بولۇپ، ئۇلاردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىش، دورىنىڭ رولىنى كۆپتۈرۈۋېتىش ۋە زىيادە كاپالەت بېرىش، ئىستېمالچىلارنىڭ نامى بىلەن مەھسۇلات ئىقتىدارىنى دەلىللەشكە ئۇرۇنۇش، تەستىقلاتماسلىق، داۋالاش رولىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللار مەۋجۇت.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|