|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك باھا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى 26 – ئىيۇن شەھەردىكى 24 ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇللىرىنى يىغىپ، ‹‹سەمىمىيەت دەرسى›› ئۆتتى، شۇنداقلا ئۇلارنى مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا بۇنىڭدىن كېيىن خېرىدارلارنى قاقتا – سوقتى قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، شۇ ساياھەت مەنزىرە رايونىغا يۇقىرى بولغاندا 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئىگىلىشىمچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى چوڭ ساياھەت مەنزىرە رايونى باھانى شەرتسىز ئېنىق يازىدىكەن ۋە ئېلان قىلىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك باھا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى 16 – ئىيۇلدىن 30 – ئىيۇلغىچە داۋانچىڭ قەدىمكى شەھەر مەنزىرە رايونى، تۇزكۆل ساياھەت مەنزىرە رايونى، ئۇلانباي قەدىمكى شەھىرى، بەيشۈيجەن قەدىمكى بازىرى، ئاسىيا كىندىكى، شىنجاڭ مىللەتلەر ئۆرپ – ئادەت كوچىسى، قىزىلتاغ باغچىسى، سۇ ئۈستى باغچىسى، بالىلار باغچىسى، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، بۇلاقتاغ مەنزىرە رايونى (باغچىسى)، شىنجاڭ تەڭرىتاغ ياۋايى ھايۋانلار باغچىسى، غەربىي تىرەكساي مەنزىرە رايونى، شەرقىي تىرەكساي مەنزىرە رايونى، جاۋبىشەن مەنزىرە رايونى، مىياۋئېرگۇ مەنزىرە رايونى، گۈلتەكچە مەنزىرە رايونى، بورھان تەكچە مەنزىرە رايونى قاتارلىق 24 مەنزىرە نۇقتىسى، مەنزىرە رايونىدا باھانى تەكشۈرىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھەرقايسى ھەق تۈرلىرى بىلەن ئۆلچىمىنىڭ ئېنىق يېزىلغان – يېزىلمىغانلىقى ئىكەن. بۇلار ھەرقايسى ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى بېلەت سېتىش ئورنىدا باھا تاختىسى ئاسقان – ئاسمىغانلىقى؛ ئاسقان تاختىدا سەيلە – ساياھەت مۇلازىمەت تۈرلىرى، ھەق ئېلىش بىرلىكى، ھەق ئۆلچىمى، ھەق ئوبيېكتى، باھادا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى، ساياھەت ئاۋاتلاشقان ۋە كاساتلاشقان چاغنىڭ كونكرېت ۋاقتى، باھا پاش قىلىش تېلېفونى قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى ياتاقلارنىڭ دەرىجىسى، تاماق، يېمەك – ئىچمەك قاتارلىقلارنىڭ باھاسىمۇ ئېنىق يېزىلىشى ۋە ئېلان قىلىنىشى كېرەك ئىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك باھا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جياۋ جەنجۈن مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەر ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا باھانى يېزىشتا ئالدامچىلىق قىلىش، يالغاندىن ئەرزانلىتىش، مەۋھۇم باھا چىقىرىش، باھانى يوشۇرۇش، قوشۇمچە شەرت قويۇش، ئىككى خىل باھا قاتارلىق باھا ئالدامچىلىقىنى بايقىغاندا، پاش قىلىش تېلېفونى ‹‹12358›› گە ھەرقانداق چاغدا تېلېفون قىلسا بولىدۇ.
|