باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ھەربىي سانائەت كومپلېكىسى ئامېرىكىنى كونترول قىلماقتا
2008- 07- 03 09:59 شىنجاڭ گېزىتى

   ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ھەربىي چىقىمى ئەڭ كۆپ دۆلەت، ھەر يىلى خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ئىلغار قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ياسىشى ئۈچۈن نۇرغۇن خىراجەت ئاجرىتىدۇ. يېقىندا، ئامېرىكىلىق مۇخبىر نىك تېس ‹‹كومپلېكس: ھەربىي دائىرىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا قانداق زىيان سېلىۋاتىدۇ؟›› دېگەن كىتابىدا ئۆتكۈر ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: بەشبۇرجەكلىك بىنا كېلىشىم ئىمزالىغان قورال – ياراغ سودىگەرلىرى بەك كۆپ بولغاچقا، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن پۇلىنى يۇتۇۋېلىپلا قالماي، يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىمۇ ھەربىي ئىشلارغا چېتىۋالدى، پۇقراۋى ئىگىلىك ‹‹بەشبۇرجەكلىك بىنالاشتى››، بەشبۇرجەكلىك بىنا بولسا ‹‹خۇسۇسىيلاشتى››.

   نىك تېس 25 – ئىيۇن ‹‹ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش›› تور پونكىتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەشبۇرجەكلىك بىنا توختاملاشقان كارخانىلار ئىچىدە لۇكھېد مارتىن شىركىتى، بوئېئىڭ شىركىتى ۋە نورتروپ – گرۇمان شىركىتى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئىگىلەپ كەلدى. 2007 – يىلى بۇ ئۈچ شىركەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىلەن 27 مىليارد 800 مىليون، 22 مىليارد 500 مىليون ۋە 14 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق توختام تۈزدى.

   ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خىراجەت خام چوتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 530 مىليارد دوللاردىن كېمەيمىدى. ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە خام چوت ئانالىز مەركىزىدىكىلەر تەھلىل قىلىپ: ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ بىر يىلدا ھەربىي ئىشلارغا ئالاقىدار بارلىق تۈرلەرگە ئىشلىتىدىغان مەبلىغى 1 تىرىليون دوللاردىن ئېشىشى مۇمكىن، دېدى. ‹‹ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش›› تور پونكىتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئېھتىياجىنى بىر نەچچە چوڭ شىركەتلا قامدىيالمايدۇ، يەنە نۇرغۇن شىركەت دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

   نىك تېسنىڭ بايان قىلىشىچە، ئادەتتە ئاۋامنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ، دەپ قارالغان نۇرغۇن شىركەتنىڭ بەشبۇرجەكلىك بىنا بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بولۇپ، ھەربىي دائىرىلەرنىڭ توختاملىرىغا تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن ۋە تەرەققىي قىلىدىكەن.

   مەسىلەن، ماك ئاندرېۋس ۋە فۇبۇس پاي كونترول شىركىتى بىر تىپىك مىسال. ‹‹رېۋلون›› بۇ شىركەتنىڭ داڭلىق ماركىسى بولغاچقا، ئادەتتە گىرىم بۇيۇملىرى شىركىتى دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ شىركەت بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ مۇھىم شېرىكى، 2007 – يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىلەن 3 مىليارد 360 مىليون دوللارلىق توختام ئىمزالىدى. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان شىركەت تولىمۇ كۆپ، ئۇلار بەشبۇرجەكلىك بىنا تۈزگەن سىياسەت ۋە قوزغىغان ئۇرۇشتىن بېيىۋاتىدۇ.

   نىك تېسنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى نۇرغۇن خۇسۇسىي شىركەتنىڭ قوللىشىغا موھتاج بولغاچقا، بەشبۇرجەكلىك بىنادا ‹‹خۇسۇسىيلىشىش›› خاھىشى باش كۆتۈرگەن، يەنى، خۇسۇسىي شىركەتلەر ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسى   ئىلىم ساھەسى بىلەن بىرلىشىپ، زور ھەربىي سانائەت كومپلېكسى شەكىللەندۈرۈپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ھەربىي سانائەت كومپلېكسى دېگىنىمىز، ھەربىي ئىشلار تارماقلىرى، ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى، قىسمەن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىن تەشكىللەنگەن زور مەنپەئەت گۇرۇھىنى كۆرسىتىدۇ. ھەربىي قىسىم ئىلغار قورال ۋە يۇقىرى تەمىناتقا، ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى تېخىمۇ كۆپ زاكازغا، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى تېخىمۇ كۆپ خىراجەتكە موھتاج، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى سايلام رايونىدىكى ھەربىي بازىلار ۋە ھەربىي كارخانىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ، ئەنە شۇ مەنپەئەت زەنجىرى بۇ ھەربىي سانائەت كومپلېكسىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىنى  چېتىپ تۇرىدۇ.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن     

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ