باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ھىندىستان سرىلانكىنىڭ جۇڭگوغا ئېغىشىنى كۈچەپ توسۇماقتا
2008- 07- 03 09:58 شىنجاڭ گېزىتى

   ‹‹ھىندىستان ۋاقتى›› گېزىتىنىڭ 23 – ئىيۇندىكى خەۋىرىدە: سرىلانكا يەنە ھىندىستاننىڭ جۇڭگونىڭ تەسىر كۈچىنى چەكلەيدىغان يېڭى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندى، دېيىلدى. ‹‹ھىندىستان سرىلانكا بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ›› سەرلەۋھىلىك ماقالىدە: سرىلانكا ھىندىستانغا سىگنال بەردى، ئۇ جۇڭگو ۋە پاكىستاندىن قورال سېتىۋالماقچى بولۇۋېتىپتۇ، ھىندىستان سرىلانكىنىڭ ئىككىنچى بىرمىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، دېيىلدى. بۇ خەۋەردە يەنە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، سرىلانكىنىڭ جۇڭگو ۋە پاكىستان بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

   ھىندىستان ئۇزاقتىن بۇيان سرىلانكا بىلەن ناھايىتى قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلدى، بۇنىڭغا بىر تەرەپتىن، ئىككى دۆلەتنىڭ قوشنا ئىكەنلىكى، مىللىي ئەنئەنىسىنىڭ تارىخىي مەنبەسى، يەنە بىر تەرەپتىن، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى بىردىنبىر كۈچلۈك چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكى سەۋەب بولدى، مۇشۇ ۋەجىدىن ھىندىستان سرىلانكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق ساھەلىرىگە ناھايىتى مۇھىم تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. بىراق، ھازىر سرىلانكا ھۆكۈمىتى بىلەن تامىل ئېرام يولۋىسى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇشتا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

   سرىلانكا ھۆكۈمىتى تامىل ئېرام يولۋىسى تەشكىلاتىغا بارلىق كۈچى بىلەن زەربە بېرىش ئۈچۈن، ھىندىستان ھۆكۈمىتىدىن سرىلانكا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى قورال – ياراغ بىلەن تەمىنلىشىنى ۋە خادىملارنى مەشىق قىلدۇرۇش، قورال – ياراغ قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىشىنى كۆپ تەلەپ قىلغان. ئەمما ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تامىل نەدۇ شتاتىدىكىلەر سرىلانكىدىكى تامىل ئېرام يولۋىسى تەشكىلاتىدىكىلەر بىلەن بىر مىللەت بولۇپ، تامىل ئېرام يولۋىسى تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق كۈرىشىگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى قوللايدىغانلىقى ئۈچۈن، ھىندىستاننىڭ سرىلانكا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى قورال – ياراغ بىلەن تەمىنلەپ، ‹‹تامىللارنى قىرغىن قىلىش››ىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىگە قەتئىي قارشى تۇردى. بۇنداق ئەھۋالدا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى كۆزىتىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، سرىلانكىغا ھاۋا مۇداپىئە زەمبىرىكى، رادار قاتارلىق ‹‹مۇداپىئە قورال – ياراغلىرى››نى بېرىشنىلا ۋەدە قىلىپ، باشقا مىلتىق، ئوق – دورا قاتارلىق تەلەپلىرى بىلەن كارى بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سرىلانكا ھۆكۈمىتىدىن تامىل ئېرام يولۋىسى تەشكىلاتى بىلەن سىياسىي جەھەتتە مۇرەسسەلىشىشىنى تەلەپ قىلىپ، سرىلانكا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق نارازى قىلىپ قويدى، سرىلانكىدا ‹‹جۇڭگو ياكى پاكىستاندىن ياردەم سوراش›› ساداسى يەنە كۆتۈرۈلىدۇ.

   يېڭى دېھلىدىكى ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ھىندىستان ئۇزاقتىن بۇيان جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇق رايونى ۋە پۈتكۈل ھىندى ئوكيان رايونىنى ئەنئەنىۋى دائىرىمىز، ‹‹ئارقا ھويلىمىز›› دەپ قاراپ كەلگەنلىكتىن، باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بۇ رايون ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى خالىمايتتى. ئەمما ھازىر جۇڭگونىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ ۋە ھىندىستاننى قورشاۋغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، بۇ ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئەڭ ئەنسىرەيدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

   جۇڭگونىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ يەن 18 – ئىيۇن بۇ مەسىلىگە قارىتا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ھىندىستاننى قورشاۋغا ئېلىش مۇددىئاسى يوق، بۇنداق  ئىستراتېگىيىلىك تەدبىر جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، بىز ھىندىستاننى جۇڭگونىڭ ھەمراھى، دەپ قارايمىز.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ