|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سىچۇەن چىڭچۇەن خەۋىرى. سىچۇەن ئۆلكىسى چىڭچۇەن ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خاۋشېڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ‹‹12 – ماي›› ۋېنچۇەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان چىڭچۇەن ناھىيىسى باشقا جايغا كۆچۈرۈلۈپ، قايتا قۇرۇلۇشى مۇمكىن، ھازىر دۆلەت ۋە سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش، دەلىللەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
لى خاۋشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر چىڭچۇەن ناھىيە بازىرىدا ئىككى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش، دەلىللەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى، گېئولوگىيىلىك باھالاش گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئاساسلىقى گېئولوگىيىلىك ئاپەت شۇنداقلا مۇھىت تەسىرىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەيدۇ؛ يەنە بىرى، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى پىلانلاش گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئاساسلىقى گېئولوگىيىلىك مۇھىتنى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈش، دەلىللەش نەتىجىسى ئاساسىدا چىڭچۇەن ناھىيە بازىرىدىكى بايلىق ئەھۋالى، ئىقتىسادىي يۈزلىنىش، نوپۇس سىغىمچانلىقى، سانائەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى شۇنداقلا ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەيدۇ.
چىڭچۇەن ناھىيىسى سىچۇەن ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىدە بولۇپ، شەنشى، گەنسۇ ئۆلكىلىرى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. بۇ ناھىيە موتيەن چوققىسى بىلەن لوڭمىن تېغىدىكى بىر نەچچە ئۈزۈلمە بەلباغ ئۈستىدە بولۇپ، ‹‹12 – ماي›› ۋېنچۇەن يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، چىڭچۇەن ناھىيىسى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان، 28 – ئىيۇنغىچە 4695 كىشى قازا قىلغان، 124 كىشىنىڭ دېرىكى بولمىغان.
چىڭچۇەن ناھىيىسىدە ھازىرغا قەدەر قالدۇق يەر تەۋرەش ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ. 26 – ئىيۇن سائەت 18 گىچە، 50قېتىم تۆت بالدىن يۇقىرى، يەتتە قېتىم بەش بالدىن يۇقىرى قالدۇق يەر تەۋرىدى.
|