|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سىچۇەن چىڭچۇەن خەۋىرى. ‹‹12 – ماي›› ۋېنچۇەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان چىڭچۇەن ناھىيىسى چېدىرلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى زىچ بولۇش سەۋەبىدىن ئوت ئاپىتى خەۋپى زور بولۇش، ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلىش تەس بولۇش شۇنداقلا سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئوچىقى كەمچىل بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتى، ھازىر ئۇلار ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابى، ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلى ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئوچىقىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ.
چىڭچۇەن ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خاۋشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹12 – ماي›› ۋېنچۇەن يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپەتكە ئېغىر ئۇچرىغان چىڭچۇەن ناھىيىسىدىكى ئامما چېدىر ۋە قۇراشتۇرۇلما ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ناھىيىمىز جىلغا ئىچىدە بولغانلىقتىن، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان يەر قىس بولغاچقا، چېدىر ۋە قۇراشتۇرۇلما ئۆيلەر بەك زىچ بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ قىسىم ئامما يەنىلا چېدىرلاردا ئوت قالاپ تاماق ئېتىۋاتقاچقا، ئوت ئاپىتى خەۋپى ناھايىتى زور. شۇڭا ناھىيىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ئورۇنلاشتۇرۇلغان 260 نۇقتىغا ئاز دېگەندىمۇ 3000 ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابى كېرەك، ھازىر بۇنى ھەل قىلىشىمىز تەسكە چۈشۈۋاتىدۇ.
لى خاۋشېڭ مۇنداق دېدى: ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىدىكى ئەخلەت شۇنداقلا ۋاقىتلىق ھاجەتخانىلاردىكى گەندىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشمۇ تەسكە چۈشۈۋاتىدۇ، ھازىر ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش ئاپتوموبىلىدىن 35 كە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپەتكە ئېغىر ئۇچرىغان بىر قىسىم كىشىنىڭ ھېچنېمىسى قالمىغاچقا، ناھىيىدىكى 120 مىڭ كىشى ئاساسىي تۇرمۇش شارائىتىدىن مەھرۇم قالدى. ئوچاق بولمىغاچقا، بەزى ئائىلىلەرنىڭ تاماق ئېتىشى تەسكە توختاۋاتىدۇ.
|